باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى،يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى

2018.09.29 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمىسا، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىمۇ بولمايدۇ.

  يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك زور ئىستراتېگىيە بولۇپ، ئۇ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە تارىخىي ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەمدە يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى،يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغاندا، شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلىدى؛ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا نۇقتىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار«خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش ۋە دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، دېھقانچىلىق ئاساسنى پۇختىلاش خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىش. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليۇرۇقلارنى بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يەنىمۇ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر