باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خېبىي لۇەنپىڭ: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، ھەل قىلغۇچ جەڭنى قاتتىق قىلىش

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە __ يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.09.28 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى تۇرالغۇغا كۆچۈپ، چەت جاي بىلەن خوشلاشتى، پارتىيەگە ئەگىشىپ زەپەر قۇچۇپ، ھاللىق جەمئىيەتنى كۈتۈۋالدى»، مۇخبىر خېبىي ئۆلكىسى چېڭدى شەھىرى لۇەنپىڭ ناھىيەسى ئەنچۇنگۇمېن ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا بېرىپ، قاتار كەتكەن ئولتۇراق بىنالىرى ئالدىدا تاجىگۈللەرنىڭ ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكىنىنى كۆردى، ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى ئىشىكىگە چاپلانغان، ئالتۇن رەڭلىك ھەل بېرىلگەن چوڭ قىزىل مەسنەۋى مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەندە، 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى قايناق كەيپىياتتا «لۇەنپىڭ ناھىيەسىنىڭ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش- مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆي بېرىش، ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش مۇراسىمى»غا قاتناشتى. تاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ياشقا چوڭ يۇرتداشلارنىڭ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرگەنىدى. پىلان بويىچە، بۇ يىل 10-ئايدىن بۇرۇن، 1975 ئائىلىلىك ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالدى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ «يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پىلانى ئوڭۇشلۇق ئورۇندالدى.

  يەنشەن تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان لۈەنپىڭ ناھىيەسىدە 2014-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 60 مىڭ 853 ئادەم بولۇپ، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئىدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ناھىيە بويىچە 42 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نۆۋەتتە ھېلىھەم 18 مىڭ نامرات نوپۇس بار، نۆۋەتتە نامراتلىق نىسبىتى ئەسلىدىكى %23.88تىن %7.07 پىرسەنتكە چۈشتى.

  نامراتلىقنى دەل جايىدا يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى. لۈەنپىڭ ناھىيەسى نۆۋەتتە نامراتلىقنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، توغرا ۋە ئېنىق تەدبىر تۈزۈپ كۈچىدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار تولۇق كىرىشىپ، مەزمۇت كۈرەش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلدى، نامرات ئامما ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.

  نامراتلىقنى يۆلەشنىڭ تۇتقۇچى بار

  «كەسىپتە جانلىنىشقا تۈرتكە بولسا، سېرىق توپىدىنمۇ ئالتۇن چىقىدۇ»

  لۈەنپىڭ ناھىيەسىنىڭ تۇپرىقى ئۈنۈمسىز تۇرسا، پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟

  داتۈن مانجۇ يېزىسى لۇنەنيىڭ كەنتىدىكى لى گوجى نۆۋەتتە چېڭدى شىنچۈنخې يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بىر ئىشچىسىغا ئايلاندى.

  ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، ئىككىىسى پالەچ ئىدى، ئائىلىسىنىڭ ئالتە مو قوناقلىق يېرى بار بولۇپ، ھەر مودىن كىرىدىغان كىرىمى 200 يۈەندىن ئازراق ئاشاتتى، ناۋادا تەبىئىي ئاپەتكە دۇچ كېلىپ قالسا، ئۇرۇق ئالغان پۇلىنىمۇ تاپالمايتتى.

  «شىنچۈنخې» كەلدى، «لىگوجى»لارنىڭمۇ باھارى كەلدى. «يەرىدىن پۇل تېپىش»قا نىسبەتەن، لى گوجى ئىنچىكە ھېساب قىلدى. ئالتە مو يەرنى «شىنچۈنخې» شىركىتىگە ئىجارىگە بەرسە، ھەر مو يەرنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 1150 يۈەن بولىدىكەن. ئۆزى زاۋۇت رايونىغا كىرىپ ئىشلىسە، ھەر ئايدا 5000 يۈەن مائاش ئالالايدىكەن، نامراتلىقنى يۆلەش قەرز پۇلىغا پاي قوشسا، ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەن پايدىسى چىقىدىكەن. لى گوجى مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ئۆيۈمگە يېقىن، ئىشلەپ پۇل تاپالايمەن ھەم ئۆيۈمگىمۇ قارىيالايمەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا پۈتۈنلەي ياخشى سىياسەتنىڭ ياردىمىغا تاياندۇق!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر