باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

باش شۇجى بىزدىن جياۋ يۈلۇدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى

(يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ھاسىل قىلىش (7) خېنەن لەنكاۋ قىسمى)

2018.09.26 20:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تۈن نىسبىدە <خەلق جياۋ يۈلۇنى چاقىرماقتا> دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ، تەپەككۇرىمدىكى تۇمانلار تارقاپ، ھاۋا سۈزۈلگەندەك روشەنلەشتى . . . »، 1990-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، شۇ چاغدا فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ «نۇجياۋنى ئەسلەش، جياۋ يۈلۇ توغرىسىدا ئەسلىمە»نى ئوقۇغاندا، مۇشۇ قۇرلارنى يازغان.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شى جىنپىڭ جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ كەلدى. ئۇ ئىلگىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر يولداش جياۋ يۈلۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ چوڭقۇر تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، يولداش جياۋ يۈلۇنىڭ ئوبرازى ھېلىمۇ يادىمدا.

  لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي سۇڭتاۋ گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم لەنكاۋغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىزدىن جياۋ يۈلۇدىن ئۆگىنىش، جياۋ يۈلۇنى نىشانلاش، ئاممىنى تېخىمۇ رازى قىلىش، لەنكاۋنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىز چوقۇم مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىمىز تىرىشىپ جاۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولىمىز.

  جياۋ شۇيۈن (جياۋ يۈلۇنىڭ 2-قىزى):

  ئۇ كىرىپلا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

  جياۋ يۈلۇنىڭ 2-قىزى جياۋ شۇيۈن مۇنداق دېدى: ئەسلىدە ئازراق جىددىيلىشكەن ئىدىم، لېكىن ئۇ كىرىپلا، ئۆزىنىڭ تۇغقان يوقلاشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىردىنلا ئازادە بولۇپ قالدىم.

  2009-يىلى ئەتىيازدا، خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ مەخسۇس لەنكاۋ ناھىيەسىدىكى جياۋ يۈلۇ خاتىرە باغچىسىغا كېلىپ، جياۋ يۈلۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى. 2014-يىلى، 2-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ تاللىدى. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇ لەنكاۋغا كېلىپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى جياۋ يۈلۇ خاتىرە سارىيى بولدى.

  تۇنجى قېتىم لەنكاۋنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شى جىنپىڭ جياۋ ئائىلىسى قورۇسىغا كېلىپ، جياۋ يۈلۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىدى. جياۋ شۇيۈن مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنى بىر-بىرلەپ سورىدى، جياۋ يۈلۇنىڭ نەۋرىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ يەنە ھاياجانلانغان ھالدا: يولداش جياۋ يۈلۇ ئىزچىل مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم، دېدى. ئۇ يەنە بىزدىن: سىلەرچە جياۋ يۈلۇدىن ئۆگىنىشكە قانداق تەشكىللەش كېرەك، دەپ سورىدى. «ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە، مەن ئۇنىڭغا ھازىر ئاتامنىڭ ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىمنى دوكىلات قىلدىم.» جياۋ شۇيۈن ئەسلەپ شۇنداق دېدى، __ شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى، ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا: «بۇ ھۆججەتلىك فىلىم تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكى بولسا بولىدۇ»، دېدى.

  2014–يىلى 3-ئاينىڭ 17–كۈنى كەچ، شى جىنپىڭ جياۋ يۈلۇ كادىرلار ئىنستىتۇتىغا كېلىپ، لەنكاۋ ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كۇرسانتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جياۋيۈلۇدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغاندا مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئىدىم، ئەينى ۋاقىتتا سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى گېزىتتە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى، ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ بوغۇزىغا يىغا كەپلىشىپ قالاتتى، بىزمۇ ئاڭلاپ، كۆزىمىزدىن ياشلار سىرغايتتى.»

  دەل مۇشۇ سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مۇنۇ «لەنكاۋ سوئالى»نى ئوتتۇرىغا قويغان: گەرچە جياۋ يۈلۇنىڭ لەنكاۋدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئانچە ئۇزاق بولمىسىمۇ، ئۇ بىزگە ئىنتايىن كۆپ مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان ئىدى. ئەمدى بىز ئەۋلادلىرىمىزغا قانداق مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرۇشىمىز كېرەك؟

  ياخشى ئەمەلدارنى كىممۇ ياخشى كۆرمەس؟ «جياۋ يۈلۇنى ئەسلەش» دېگەن بۇ بىر كۇپلېت شېئىردا، شى جىنپىڭنىڭ جياۋ يۈلۇنى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ھەمدە ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش ۋە خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

  ئەينى ۋاقىتتىكى لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ھازىرقى كەيفېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنجۈن 2014- يىلىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، لەنكاۋ ناھىيەسىدە دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى بىزگە بۇ شېئىرنى ئوقۇپ بەرگەندە، نەق مەيداندىكى كىشىلەر چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر