باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پۇدۇڭ يېڭى رايونى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شەھەرنى تېخىمۇ ئىللىتتى

(ھەيۋەتلىك شەرق تاشقىنى، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

2018.09.25 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لۇجيازۇي گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى ياۋ جيەنلياڭنىڭ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئاندىن دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىشقا ۋاقتى چىقتى.

  «چۆچۈپ كەتتىم، بۇنداق چىرايلىق بوپ كەتكىنىنى ئويلىماپتىمەنكەن! سالقىن دەريا شامىلىدا گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇلىنىش راستلا بەك راھەت ئىكەن!» فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى لاۋ ياۋ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپلا، ئوخشاش بۇلۇڭدىن لۇجيازۈينى سۈرەتكە تارتىپ، پۇدۇڭنىڭ چوڭ ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولدى.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 45 كىلومېتىرلىق ئاممىۋى بوشلۇق ئۈزۈل-كېسىل تۇتاشتۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان پۇدۇڭ بار. بۇرۇنقى كۈلرەڭ ھالەتتىكى سانائەت بەلبېغى يورۇدى، كونا پىرىستان، كونا ئىسكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆزگىچە يېڭىلىقتىكى بوشلۇقلارغا ئايلاندى، ئوخشىمىغان رەڭلەر بىلەن پىيادىلەر يولى، يۈگۈرۈش يولى، ۋېلسىپىت يولى، يېشىللىق رايونى ئايرىلىپ، خۇددى ھەر خىل رەڭلىك لېنتىلار دەريا قىرغىقىدا يېيىلغاندەك كۆرۈنەتتى.

  دەريا خەلقنىڭ بولدى، شاڭخەيلىكلەرنىڭ كۆڭلى ئىللىدى

  پۇقرالارغا تېخىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شاڭخەي شەھىرى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە چوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە ئورگان خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر پۈتۈن قورۇ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە كارخانىلارغا بېرىپ ئىنچىكە زىيارەت قىلىپ رەتلەپ، ئاممىنىڭ جىددىي غېمىنى، ئارزۇسىنى ھەل قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى 700 مىڭ ئۆيلۈكتىن ئاشتى، 50 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ-مەسىلە توپلىدى، مەسىلە ھەل قىلىش نىسبىتى %70 ئەتراپىدا بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ھالقا، ئادەمنى يادرو قىلغاندا، ئادەملەر ئىناق ئۆتكەندىلا، جەمئىيەت ئاندىن تىنچ-تەرتىپلىك بولىدۇ.

  شاڭخەي شەھىرىنى تۈزەشتە، يادرولۇق مەسىلە ئادەم، نىشان شەھەرنى تېخىمۇ ئىللىق قىلىشتىن ئىبارەت.

  تۇمان قورشاپ تۇرىدىغان سوغۇق دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ تۇتىشىپ، قاتناشنىڭ راۋان، ئازادە بولۇشى پۇقرالارنى راھەت ھېس قىلدۇردى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، شاڭخەيلىكلەر ئۇ يېرىنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلىپ قالىدىغان تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.

  شاڭخەيدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرى نەچچە قېتىم شەھەرنىڭ «شەھەر قۇرۇلۇشى» قاتارلىق جەھەتلىرىدە، دۆلەت بويىچە «كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچى» ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شەھەر رايونىنىڭ ھەر كىۋادرات كىلومېتىر يېرىدە 41 مىڭ ئادەم تۇرىدىغان بولۇپ، نوپۇس زىچلىقى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر قىستىلىشىپ بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرۇش ئادەتتىكىچە ئەھۋال ئىدى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كۆكەرتىلگەن كۆلەم 0.47 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يەنى بىر پارچە گېزىت چوڭلىقىدا ئىدى. بىنالارنىڭ زىچلىقى، زاۋۇت-ئۆيلەردىكى قىستاڭچىلىق، يوللارنىڭ تارلىقى، يېشىللىقنىڭ ئاز بولۇشى جەھەتلەردە ئېلىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا ئىدى. شەھەر رايونى بويىچە ئوتتۇرىچە تۇرۇش كۆلىمى تۆت كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولغان ئۆيى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ سانى 918 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي شەھەر ئاھالىلەر سانىنىڭ % 60 دىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن، نسبىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىدى …

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر