باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى ھەمكارلىقتۇر

2018.09.25 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى بولسا، ئىزچىل ھالدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە تۈرتكۈسى بولۇپ كەلدى. لېكىن، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە ئۇنى داۋاملىق جىددىيلەشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تىرىشىپ يېتىلدۈرگەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە ئەركىن سودا پىرىنسىپىگە ئېغىر تەھدىت سالدى.

  9- ئاينىڭ 24- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ پاكىتى ۋە جۇڭگونىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، ھەمدە كۆپلىگەن پاكىتلار ۋە تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق رەتلەپ چىقتى. ئاق تاشلىق كىتابتا تەكىتلىنىشىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى تەڭ مەنپەتلىنىشتۇر، ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى بولسا، سودا قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىدۇر. ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ سىياسىي مەيدانى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو تەرەپ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم ھالدىكى تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ قېلىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  2017- يىلى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ مال سودا سوممىسى 583 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، 1979- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغدىكىسىنىڭ 233 ھەسسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى بولسا، تەڭ نەپ ئېلىش مۇناسىۋىتىدۇر. بۇ خىل مۇناسىۋەت جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈردى، يەنە كېلىپ ئۇ ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە خەلقىنى بۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۇردى. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ، مەزمۇنى مول، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، چېتىلىدىغان سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن بولغاچقا، بەزى زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلىشلىرى كېرەك ئىدى. ئەمما، ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «جۇڭگوغا قاراتقان 301 تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەمدە «ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق»، «ئادىل بولمىغان سودا»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش» ۋە «دۆلەت كاپىتالىزمى» دېگەندەك بىر قاتار بەتناملار بىلەن، جۇڭگوغا قارىتا بۇ بىر قاتار ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، شۇ ئارقىلىق، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ پاكىتلىرىنى قاتتىق بۇرمىلىدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تەر سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە سەل قارىدى. بۇ، بىر جەھەتتىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك. بۇنداق قىلغاندا، پەقەتلا ئىختىلاپنى زورايتىپ، سۈركىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر