باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇھەببەتكە تولغان قورۇلدا ئارزۇلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ

-- يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نىڭشياغا كۆڭۈل بۆلۈش خاتىرىسى

2018.09.19 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خېلەن تېغىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىدىن ئەكس ئېتىپ تۇرىۋاتقان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن تارتىپ تاكى غەربىي رايون «بۇلۇت» بازىسىنىڭ بارا-بارا مۇئەييەن كۆلەمنى ھاسىل قىلىشقىچە؛ شىخەيگۇدىكى جاھانغا پۇر كەتكەن قاقاسلىقتىن تاكى «قورۇلدىكى خاڭجۇ» دەپ نام ئالغان نىڭشيادىكى ھازىرقى مول ھوسۇللۇق ئېتىزلارغىچە؛ جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتونومىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان بۇ چاغقىچە؛ مانا ھازىر بۇ ماكاندا قەدىمقىسى بىلەن ھازىرقىسى گىرەلىشىپ كەتمەكتە؛ ئىلگىرىكى ئازاپ-ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش ئەسلىمىلىرى بىلەن ھازىرقى لەززەتلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى گىرەلىشىپ كەتمەكتە؛ كۆپ مەنبەلىك بولۇش بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشاش ئىستىكى گىرەلىشىپ كەتمەكتە.

  بۇ ماكان دەل 64 مىڭ 640 كىۋادرات كىلومېتىرلىق كەڭ ماكان –- نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدۇر. گەرچە ماكان كەڭرى، ئەمما ئادەم شالاڭ بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ماكان يەنىلا ئىزچىل تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەلب رىشتىسىنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرىۋاتقان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈرىكىنى سوقتۇرۇپ تۇرىۋاتقان بىر ماكاندۇر. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي نىيەتلىك رەھبەرلىكى ئاستىدا، نىڭشيادىكى ھەر ساھەدە ئىشلار گۈللەپ راۋاج تاپماقتا. مانا ئەمدى بۇ قورۇل، بۇ ماكان يېپيېڭى بىر دەۋرگە قەدەم باستى.

  مانا، بىپايان كەتكەن ئۈجمەزارلىقلار! بۇلۇتسىز بىپايان كۆپكۆك ئاسمان! مانا بۇ مەزگىل دەل نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مەزگىلىدۇر.

  مانا ئەمدى قوللىرىمىزدا بۇ قىزىل لىنتىلار تۇرماقتا. نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ ۋەھشى مەخلۇقنى مۇشۇ قىزىل لىنتىلار بىلەن بوغۇپ تاشلاپ تەل-تۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز؟!

  نىڭشيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىر ھەممىدىن مۇھىم بولىۋاتقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىشتۇر. --شى جىنپىڭ نىڭشيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ليۇپەنشەن تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوققىلىرى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئېگىز-پەس ھالەتتە ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرۇشماقتا. بۇ تاغلار تىلغا ئېلىنسىلا، ئېسىمىزگە ھامان «لەپىلدىشەر قىزىل بايراقلار، ليۇپەنشەندەك ئېگىز چوققىلار. قوللىرىمىزدا بار قىزىل لىنتىلار، ئېي نامراتلىق! ھامان بوغۇلارسەن ۋەھشى مەخلۇقلار!» دېگەن بۇ شائىرانە سۆزلەر كېلىدۇ. مانا دەل مۇشۇنداق جەسۇرانە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ ليۇپەنشەن تاغ تىزمىلىرى ئېتىگىدە، ئەڭ نامرات بىر چوڭقۇر چوڭ جىلغا بار، يەنى شىخەيگۇ. گەرچە ئەينى زامانلاردىكى جەڭ تۇمانلىرى ئاللىقاچان توزۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە بۇ ماكاندىكى كىشىلەر يەنىلا ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق ۋە نامراتلىق بىلەن ئېلىشىپ كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

  قىزىل لىنتىلارقېنى؟ بىز ئۇلارنى نامراتلىقتىن قاچان قۇتۇلدۇرالايمىز؟

  شىخەيگۇ بولسا، يۈەنجۇ رايونى، شىجى ناھىيەسى، لۇڭدې ناھىيەسى ۋە پېڭياڭ ناھىيەسى قاتارلىق 9 نامرات ناھىيە ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەردە يامغۇر ناھايىتى كەمچىل بولغاچقا، ئېقىن سۇلارنىڭ چىرىتىشى ۋە نەچچە يۈز مىڭ يىللاردىن بۇيان قارىغۇلارچە بوز يەر ئېچىش سەۋەبىدىن، بۇ يەردە ياشاش شارائىتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جاي 1972- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق تەرەققىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغان رايونلارنىڭ بىرى، دەپ بېكىتىلگەن.

  1996- يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن شەرقىي رايون ۋە غەربىي رايونلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10- ئايدا، شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ،«فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياغا نىشانلىق ياردەم بېرىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى.

  بەش ئايدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ ئۆمەك باشلاپ نىڭشياغا كېلىپ، نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەشتىكى ئالتە كۈنلۈك تەكشۈرۈشنى باشلىدى، ھەمدە يىنچۈەن شەھىرىدە مىننىڭ نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى 2 ـ قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. دەل بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكى بولغان مىننىڭ كەنتىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى قارار قىلدى.

  1997- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ ئۆزى نام قويغان مىننىڭ كەنتى بولسا،يىنچۈەن شەھىرى سىرتىدىكى يوڭنىڭ ناھىيەسىدىكى بىر چۆللۈكتە ئىش باشلاندى.

  2016- يىلى 7- ئايدا، ئارىدىن ئاز كەم 20 يىلدىن كېيىن يەنە گۇيۈەنگە قايتىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر مەنزىرىنى كۆرۈپلا ھېسسىياتى ئۇرغۇپ، مۇنۇلارنى ئەسلىدى: 1997- يىلى مەن شىخەيگۇغا كېلىپ، شۇ يەردىكى نامرات ھالەتكە ھەيران قالغان ئىدىم. كۆرگەندىن كېيىن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرـئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، فۇجيەننىڭ نىڭشيادا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر