باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

باش شۇجى چاڭجياڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ئۈچۈن «قىزىل سىزىق» سىزىپ بەردى

(<يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ> يۈرۈشلۈك ئاخباراتنىڭ تۆتىنچى قىسمى (چۇڭچىڭ قىسمى)

2018.09.18 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، «تاغ قىزىل يوپۇرماققا تولغاندا» دېگەن مەملىكەت بويىچە داڭلىق بىر كىنو بولىدىغان، ئۇنىڭدا دەل شۇ سەنشيا تەسۋىرلىنىپ، كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ گويۈەن پورتىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆرگەزمە تاختىسىنى تەپسىلىي كۆرگەندە، ۋۇشەن تېغىنىڭ قىزىل يوپۇرماققا پۈركەنگەن رەسىمى ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئېسىگە سالدى.

  چاڭجياڭ دەرياسى __ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ۋاقتى ۋە كەلگۈسىنى ئۇلاشتۇرىدۇ ھەم شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭلىنى تارتىپ كەلمەكتە.

  «ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى تەڭ تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەرنى غەپلەتتىن ئويغاتتى، ھەر سۆزىنىڭ مىڭ مىسقال كۈچى بار ئىدى، ئۇ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  يېقىندىن بۇيان، خەلق گېزىتى مۇخبىرى يەنە بىر قېتىم چۇڭچىڭغا كېلىپ، باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئانا دەريانىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلدى.

  خې يى (چۇڭچىڭ گويۈەن پورتى تۆمۈريول يۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى):

  باش شۇجىنىڭ تەلىپى ناھايىتى قاراتمىلىققا ئىگە

  2016-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭى يىلنىڭ 1-خىزمەت كۈنىدە، قۇياش نۇرى دەريا يۈزىدىكى نېپىز تۇماننى تاراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونى گويۈەن پورتىغا كېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  ئۇ بىر قولىدا پىرىستاندىكى لەڭگەرگە تايىنىپ، بىر قولى بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان كېمىنى كۆرسىتىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردى: «بىر كېمىگە قانچە ساندۇق قاچىلىغىلى بولىدۇ؟»، «پاراخوتنىڭ چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ شاڭخەيگە بېرىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟»، «بۇلتۇر پورتنىڭ كىرگۈزۈش–چىقىرىش مىقدارى قانچىلىك بولدى؟»، ئالدىراش ۋە جىددى رېتىمدىكى پورتقا قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تاپىلىدى: ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالتۇن سۇ يولىدا ھەقىقىي ئالتۇن ئۈنۈمنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى كونتېينېر كېمىسىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مەشغۇلاتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ بىز گويۈەن پورتى ئىشچىلىرى تەرەپكە قاراپ كەلدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىختىيارسىز ھالدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ ۋارقىرىدى. باش شۇجى كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، نەق مەيداندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتى.

  __ «سىز نېمە ئىش قىلىسز؟ ئاساسلىق قايسى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىسىز؟»، باش شۇجى شى جىنپىڭ خې يىنىڭ قولىنى تۇتۇپ سورىدى. خې يى مۇنداق جاۋاب بەردى: «دوكلات باش شۇجى، مەن ھازىر بىر تۆمۈريول مال رەتلەش خادىمى، گويۈەن پورتى بىلەن بىرلىكتە پىشىپ يېتىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ، كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گويۈەن پورتى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، <بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.»

  ئۈمىد كۈرەش قىلىش داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ھازىر، گويۈەن پورتى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تۇنجى مەخسۇس سىمسىز تېرمىنال ۋە 4G كەڭ بەلباغلىق توپى سىستېمىسى تولۇق قاپلانغان پورت، پىرىستان تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى نۆل بولۇشنى، ئىشلەپچىقىرىش كېرەكسىز سۈيى چىقىرىشتا ئۆلچەمگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ھەممەيلەن باش شۇجىنىڭ بىزگە قويغان تەلىپىنىڭ ناھايىتى قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، خۇددى ماياككا ئوخشاش، بىزگە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملىدى.» ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان خې يى ئاللىقاچان تۆمۈريول يۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولدى، «گويۈەن پورتى بارغانسېرى باغچىلاشقان پورتقا ئايلاندى. باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسە، ئۇ چوقۇم خۇشال بولىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر