باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى «توققۇز چىڭ تۇرۇش»نى پۇختا ئىگىلەش كېرەك

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2018.09.14 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ بولسا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى مۇھىم ئۇل تاش بولۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى بولسا كېيىنكىلەرگە مەنسۇپ بولىدىغان ساخاۋەت قۇرۇلۇشىدۇر.

  مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «توققۇز چىڭ تۇرۇش»نى سىستېمىلىق يەكۈنلىدى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تۈپ پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلىدى.

  «توققۇز چىڭ تۇرۇش» دېگىنىمىز، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ مائارىپ بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۇل خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى كۆرسشىتىدۇ. بۇ «توققۇز چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق، قانداق ئادەملەرنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. ئىدىيەسى چوڭقۇر ۋە مەزمۇنى مول بولۇش، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدۇر، پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدۇر، ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. بۇ تونۇش ئاسان قولغا كەلمىگەن، شۇڭا، ئۇنى چوقۇم باشتىن-ئاخىر داۋاملاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر