باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مائارىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، پارتىيەنىڭ چوڭ ئىشى

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2018.09.13 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچلۈك بولسا، دۆلەت كۈچلۈك بولىدۇ، ئوقۇشتىن ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقىدۇ

  «مائارىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، پارتىيەنىڭ چوڭ ئىشى». مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مائارىپنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدا يۈكسەك باھا بەردى، مائارىپنىڭ ئاساس، باشلامچىلىق، ئومۇمىيلىق ئورنى ۋە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ مائارىپقا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان تېخىمۇ يېڭى، يۇقىرى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتكۈل جەمئىيەتنى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قانداق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش مائارىپتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئۇ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا مۇھتاج. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا تەكىتلەپ كۆرسەتكەندەك: «دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. بۇ بىزنىڭ مائارىپنىڭ جەزمەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈدىغانلىقىنى بەلگىلىدى». پەقەت ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىگەندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرگىلى، ۋارىسلىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇندىلا ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر