باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ قۇرايلى

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ قۇدرەت تاپسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ

2018.09.12 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سالقىن كۈز شامىلى يېقىملىق كۈزنى ئېلىپ كەلگەن 9-ئايدا، بىز 34-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋە بولغان بۇ بايرامدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدا پارتىيەمىزنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىر قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەقىلنى، بىلىمنى قەدىرلەيدىغان قىممەت ئىستىكىنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، مائارىپ خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىدىكى بىرقانچە چوڭ مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ قۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ قۇرۇشتىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى. مائارىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، پارتىيەنىڭ چوڭ ئىشى. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش-ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتىكى كەمچىلىكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئىشلىرىدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈردى، مائارىپ جەھەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېلىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئۆسۈشى تېزلىشىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر