باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىرادە باغلاپ، روھنى تاۋلاپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرايلى

__ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ

2018.09.11 09:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە قاراپ قەدەم قويغان بىر مىللەت قانداق شەكىلدىكى مائارىپ ئارقىلىق گۈللىنەلەيدۇ؟

  قانداق ئىختىساس ئىگىلىرى يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى ئاچىدىغان تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ؟

  پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر ئويلىرى بىلەن مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسىنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا بولغان قارىشىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  ئارقا-ئارقىدىن يېزىلغان بېغىشلىمىلار ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتتى، ئارقا-ئارقىدىن ئەھۋال سوراپ، تەربىيەلەش ئۈمىدىنى ئىللىتتى. نامرات رايونلاردىكى تاغلىق يېزا مەكتەپلىرىدىن ئۈنلۈك ئوقۇش ئاۋازلىرىغا تولغان گۈزەل مەكتەپكىچە، جاپالىق ماھارەت مەشىق قىلىۋاتقان مائارىپقا ياردەم بېرىش پىدائىيلىرىدىن غەربىي رايونلاردا يىلتىز تارتقان مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئايلانغانغا قەدەر، مائارىپنىڭ روھى مۇھەببەتنىڭ تارقىلىشى بىلەن تېخىمۇ يورۇپ، ياشلىقنىڭ جىلۋىسى جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن بىر رېتىمدا بىرلىشىپ خەندان ئۇرۇپ ئېچىلدى.

  يېڭى دەۋردە يېڭى ئارزۇ، دۆلەت قانداق ياراملىق كىشىلەرگە مۇھتاج؟

  كۆك يوپۇرماق ساغىرىپ، بۈگۈن يەنە يېڭى يوپۇرماقلارنى چىقاردى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ قورۇسىنىڭ ھەممە يېرىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان كۈمۈش ئۆرۈك دەرىخى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شاھىت بولماقتا ئىدى. ماگېستېر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ، گۈزەل يەنيۈەندىن ئايرىلماقچى بولغان ئاسپىرانت ليۇ جياۋېي ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىپ، ئۆزىنىڭ قارارىنى چىقاردى __ ئۇ بولسىمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس سىنىپ تەربىيەچىسى بولۇش.

  2014-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ليۇ جياۋېي ۋە ساۋاقداشلىرى جىڭيۈەندىكى چىملىقتا بىر مەيدان «ياشلىق نەزمە يىغىلىشى»نى ئۇيۇشتۇردى.

  «شۇ چاغدا، مەن سەھنىدە ئۆزۈم ئىجاد قىلغان نەزمە «تىڭشىغۇچى ياشلار»نى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىزلا مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە قول پۇلاڭشىتىپ سالام قىلدىم.»-تۆت يىل بۇرۇنقى شۇ چاغ ھېلىمۇ ليۇ جياۋېينىڭ ناھايىتى ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

  بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارغا توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياشلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى كەلگۈسى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلار قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تۇرغۇزۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خۇددى كىيىم كىيگەندە تۈگمىنى ئەتكەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر بىرىنچى تۈگمە خاتا ئېتىلىپ قالسا، قالغان تۈگمىلەرنىڭ ھەممىسى خاتا ئېتىلىدۇ. ھايات تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش كېرەك.»

  ليۇ جياۋېي مۇنداق دېدى: « ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو قانداق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؟ ياش ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىسالغا ئالغان «تۈگمە ئېتىش» سىمۋولى مېنى ئۇزاق ئويلاندۇردى.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازلىق ۋە جانلىق «تۈگمە نەزەرىيەسى» ھەر بىر ياش ئوقۇغۇچى چوقۇم ئويلاشمىسا بولمايدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، مائارىپ ئىشلىرىدا چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك چوڭ مەسىلىگە جاۋاپ بەردى، يەنى دۆلەتتە ئەخلاق بولمىسا گۈللەنمەيدۇ، ئادەمدە ئەخلاق بولمىسا ئادەم سانالمايدۇ.

  بىز «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى ھالقىلىق مۇساپىدە تۇرۇۋاتىمىز، يېڭى ئەۋلادلاردا قانداق قىلغاندا دۆلەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قىممەت كوردىناتىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ؟

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىندى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» تۈپ ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «ئەخلاقىي، ئەقلىي. جىسمانىي گۈزەللىك تەرەپلەردە ئەتراپلىق يېتىشكەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش» تەلەپ قىلىندى.

  ياش ئوقۇغۇچىلارنى ھەم بىلىمى كەڭ قىلىپ تەربىيەلىگەندە ۋە يەنە ئۇلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت قارىشى، دۆلەت مۇھەببىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر