باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورى: «خېنىم مىجەز»لىك شامىلى ئەمدى توختىسۇن

2018.09.07 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىر گۇڭ زېجىن «سېسىق ئەينۇلا» دېگەن مېتافورا ئارقىلىق، كېسەللىك ھالىتىدىكى ئېستېتىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئىجتىمائىي ئاقىۋەتكە قارىتا ئەنسىرىشىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن يېرى شۇكى، ئىنتېرنېت دەۋرىدە كەڭ تارقالغان مەدەنىيەت ئىچىدىمۇ «سېسىق ئەينۇلا»غا ئوخشايدىغان گۈزەللىكتىن زوقلىنىش قىزىقىشى يەنىلا ناھايىتى بازار تاپماقتا.

  «چاچلىرى مايلانغان، يۈزلىرى ئەڭلىك؛ بەللىرى A4 قەغەز، ياسالما قىلىق»، بۇ قوشاقتا تەسۋىرلەنگىنى دەل ھازىرقى بەزى ئاتالمىش «يۇمران گۆش» مەبۇدلارنىڭ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئوبرازى ۋە قىلىقلىرىدۇر. بارغانسېرى كۆپ «خېنىم مىجەز»لەر ۋە ئۇلارنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېكرانغا تولۇپ كېتىشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشلايدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقاندا، كىشىلەر بۇنداق «كۆزنى ئېچىشتۇرىدىغان» نورمالسىز ھادىسىگە قارىتا ئەندىشە ۋە قايتا ئويلىنىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىپادىلىمەكتە.

  بەدىئىي ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ «ئايالچە رول ئېلىش» ۋە «ئايالچە كىيىنىش»كە ئوخشىمايدىغىنى ھازىر مودا بولۇۋاتقان «خېنىم مىجەزلىك ئېقىمى» بىر خىل باش قاتۇرۇپ كۈچەيتىلگەن ھەمدە بۇرمىلاپ نامايان قىلىنغان ئوبرازلاردۇر: قارىماققا ئۇلارنىڭ جىنسىنى پەرق ئېتىش تەس، ئەمما گىرىمى نەپىس، شامالدا يەلپۈنگەن سۆگەت تېلىدەك زىلۋا بەدەن، ھە دېسىلا «ئۆچ بولدۇم»، «قوزامنى قورقۇتىۋەتتى»، «كىچىككىنە مۇشتۇمنى مەيدەڭگە تىرەپ» دېگەندەك گەپلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ؛ ئۇلار كىنو-تېلېۋىزىيەدە مۇشۇنداق رول ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئوخشاشلا «رولغا چۆكۈپ كەتكەن»...

  «يۇمران»دىن «گۈزەل»گىچە، ئاندىن «خېنىم مىجەز»گىچە __ بۇ خىل كېسەل ھالەتتىكى ئېستېتىكىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. «خېنىم مىجەز»لىك بىردەمدىلا يېتىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى «چىراي ئىستېمالى» ۋە دىققەتنى تارتىش ئىقتىسادى قېيىپ كەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ بەكرەك ئېيتقاندا، تاماشا چەمبىرىكىنىڭ ئىسراپخورلۇق مۇبالىغىچىلىك ئېقىمىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرىدۇر. ھەرخىل ئەقىلگە سىغمايدىغان چولپان پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، «چىرايلىق ئەرلەر» ئالقىشلىنىپ «ئېقىملىق يىگىتلەر» بولۇپ قالدى، «چىرايغا تايىنىپ تاماق يىيىش» بولسا «چىراي ھەققانىيلىقى»غا ئايلىنىپ قالدى، كاپىتالنىڭ ھاياجانلىق ۋە يەڭگىلتەكلىك كەيپىياتى بۇ خىل ھالەتنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «يۇمران گۆش»لەرنى «كىچىك گۈل»گە، «خېنىم مىجەز»لەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.

  ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك جەمئىيەتتە ئېستېتىكا تەبئىيلا گىرەلەشمە كۆپ ھالەتلىك بولۇپ، ھەممەيلەن ئۆزى ياقتۇرغىنىنى تاللىسا بولىدۇ. بىراق ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتكەندە قارشى تەرەپكە مېڭىپ قالىدۇ ـــ يەنى گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش ئەمەس، بەلكى «سەتلىكتىن ھۇزۇرلىنىش» بولىدۇ. «يۇمران گۆش»لەرنى ئالقىشلاپ، «خېنىم مىجەز»لىكنى تەرغىپ قىلىدىغان تاماشا ۋەزىيىتى كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان خاھىشنى تارقاتماقتا: «چىراي جەھەتتە مېنى يېڭەلمەيسىز» دەيدىغان سۈرەن- چۇقانلار ئىچىدە، «ئارتىسنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلىشى» مۇھىم ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بەكلا ناچار بولسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولغان فىلىم ئىشلەش ھەققى ئالماقتا، ھەرخىل بەڭباشلىقلارغا كۆندۈرۈلمەكتە؛ «تاماشا ھەممىدىن ئەلا» بولغان «ئېقىم مىقدارىنىلا قوغلىشىش»تەك خاتا ھالەتتە، بەزى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى، تور سۇپىلىرى، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرى چاكىنىلىقنى قارشى ئېلىپ، ھەر خىل «غەلىتە ھالەت»، «غەلىتە مەخلۇق»نى ئىستېمال قىلىپ، نەزەرنى تارتىش ئۈچۈن ھەتتا ئىجتىمائىي جامائەت تەرتىپى ۋە ياخشى ئادەتلەرگە خىرىس قىلىپ، غەلىتە، پۇلپەرەس، چۈشكۈن ھىدلارنى تارقاتماقتا.

  ئادەمنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈشتە ئادەم تەربىيەلەش تېخىمۇ مۇھىم. «خېنىم مىجەزلىك» ھادىسىلىرىنىڭ جامائەتنىڭ بىزارلىقىنى پەيدا قىلىشى ئاساسلىقى بۇ خىل كېسەل ھالەتتىكى مەدەنىيەتنىڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە بولغان سەل قارىغىلى بولمايدىغان سەلبىي تەسىرى سەۋەبىدىندۇر. ياشلار- ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، توردا تارقالغان «ئۆسمۈرلەر خېنىم مىجەز بولسا، دۆلەت خېنىم مىجەز بولىدۇ» دەيدىغان تەنقىد گەرچە ناھايىتى قىزىقارلىق بولسىمۇ، لېكىن بىر جەمئىيەت ۋە دۆلەتتىكى مودا مەدەنىيەتنىڭ نېمىنى ئالقىشلاپ، نېمىنى رەت قىلىشى، نېمىنى تارقىتىشى ھەقىقەتەنمۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ناچار مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇش، تېخىمۇ بەكرەك مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بىلەن تەربىيەلەش كېرەك.

  تەتقىقاتچى نېيل پوتسمەن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «تاماشا بىلەن ئۆلۈش» دېگەن ئەسىرىدە كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: بىزنى ۋەيران قىلىدىغىنى بىز ئۆچ كۆرىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بىز «قىزغىن سۆيىدىغان» نەرسىلەردۇر، دېگەن ئىدى. كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان ھەر خىل «تاماشىنى كېڭەيتىۋېتىش» ھادىسىلىرىگە قارىتا، بۇ خىل ئەقلىي سادانى ئەسلەش ۋە تەپەككۇر قىلىش ناھايىتى زۆرۈر ھەمدە ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر