باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى ئافرىقىدىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.09.06 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دۇنياغا جۇڭگو-ئافرىقا «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولۇش، بىر نىيەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئافرىقىدىكى زاتلارنىڭ قارىشىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئافرىقا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلانلارنى سىزىپ بەرگەن بولۇپ، ئافرىقىدىكى ھەر ساھە ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئافرىقا-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  «ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ»

  رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق-سەھىيە، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق- بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» كەلگۈسى ئۈچ يىلدىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق يول خەرىتىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

  سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە ئۇچۇر مىنىستىرى ئەھمەد بىلال: «جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئافرىقىدىكى ھەمراھلار نەزىرىنى شەرققە قارىتىپ، جۇڭگو تەجرىبىسىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ»، «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» ئافرىقىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ، دېدى.

  2015-يىللىق ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو جوھانىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن جۇڭگو- ئافرىقا «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى: زور بىر تۈركۈم تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودروم، پورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى ئارقا-ئارقىدىن پۈتتى ياكى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، جۇڭگو- ئافرىقىنىڭ تىنچلىق-بىخەتەرلىك، مائارىپ-مەدەنىيەت-سەھىيە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش-نامراتلىقنى ئازايتىش، ئەلئارا ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ ئارقىلىق قوللاشنىڭ ھەممىسى نەقلەشتۈرۈلدى ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئالجىرىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دابىش مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشقا قاتناشقان خەلقئارا يىغىن مەركىزى، پايتەخت يېڭى ئايرودرومى قاتارلىق تۈرلەر ئالجىرىيەنى دۇنيا دەرىجىلىك سەۋىيەگە يەتكەن زامانىۋى ئىمارەتلەرگە ئىگە قىلدى، «ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ».

  نىگېرىيەنىڭ نېفىت مىنىستىرى كاچىكۋۇ جۇڭگو جاكارلىغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»كە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، ئافرىقا-جۇڭگو باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ھېچقانداق سىياسىي شەرت قوشمىدى. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مەبلەغ ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا يەنە يەرلىكتىكىلەرگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىپ، ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ توپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر