باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىغا ياخشى جاۋاب بېرەيلى

-- رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

2018.09.06 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ، ھەر بىر ئەۋلادنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك بۇرچى بولىدۇ.

  «بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات بۈگۈنكى دەۋرنىڭ تېمىسى، ھەم شۇنداقلا دەۋرنىڭ سوئالىدۇر. شۇڭا، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاق، دانا ۋە جۈرئەتلىك بولۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك». 2018 ـ يىللىق جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ، بۇ بىر دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغان جۇڭگوچە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېسسىيات، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق تولۇق نامايان قىلىندى.

  دەۋر بولسا سوئال چىقارغۇچى، بىز بولساق ئىمتىھان بەرگۈچى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك زىچ باغلانمىغان. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش لازىم. دەۋرنىڭ تېمىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ يېڭى ۋە زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلايدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل – ھەققانىي بولۇش ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دۆلەت بىلەن دۆلەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى يولىدا مېڭىپ، دۇنيانى تېخىمۇ تىنچ ۋە خاتىرجەم قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل قىلىشنى خالايدۇ.

  دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىتلارنى ياراتقىلى بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بىرلىكتە قۇرۇش دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ماسلىشىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ ۋە ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشتىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىدۇ، ھەمدە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دەۋر تېمىسى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىق شېرىكى بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇشنى خالايدۇ. بىز بۇ خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى ئارقىلىق، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى ۋە مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىدىيە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، گۈللەنمە بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلەر ۋە زور بىر تۈركۈم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئىنقىلابىيلىققا ئىگە ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. دەۋرنىڭ تېمىسى ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيانى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشتەك يەر شارىنى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك ئورنى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قوللايدۇ ۋە ڭېڭەيتىدۇ. ئۇ دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ ھالداكۆپ ساندىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتكۈزۈشىدە ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر