باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

غايەت زور ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى قۇرايلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى

2018.08.30 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىدېئولوگىيە خىزمىتى − پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، مىللەتنىڭ روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش − پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

  «قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، بولۇپمۇ تەشۋىقات-ئىدىيە سېپىدىكىلەر ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە». مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بىر چوڭ تېما قىلىپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى مۇھىم ئورنغا قويۇپ، بۇ خىزمەتنىڭ زور ئەھمىيىتى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ۋە تەدبىر يولىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىدېئولوگىيە مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ئاڭ ئۈستقۇرۇلمىسى بولۇپ، ئاڭ شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما مەۋھۇم ئەمەس. ماركس: «ئەگەر ئاڭ جەھەتتىن تەكشۈرگەندە، ئۇنداقتا مەلۇم ئىدېئولوگىيەنىڭ يىمىرىلىشى پۈتكۈل دەۋرنى گۇمران قىلىۋېتەلەيدۇ»، دېگەن ئىدى. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئىدىيەنىڭ كۈچىنى سەل چاغلاشقا، ئىدېئولوگىيەنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات-ئىدىيە ساھەسىدىكى ئەڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە دەل ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بىر مەھەل كۆرۈلگەن پاسسىپ ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك، تۈپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ياسىدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، بىراق شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىدىيە- مەدەنىيەت ئۆز ئارا داۋالغۇماقتا، قىممەت قارىشى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل بولماقتا، غايەت زور ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر