باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تىرىشىپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەققىدە

2018.08.24 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدە، روھ ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. بۇ، بەش يىل ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «19- ئاۋغۇست» مۇھىم سۆزىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان يەنە بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچ- ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىر قاتار يۆنىلىشلىك، تۈپ، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ، مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. مۇھىم سۆز ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلىگەن، نەزەرى يۈكسەك، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ ئەۋج ئېلىشىغىچە، يەنە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغىچە... بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى سېپىدىكى كادىرلار پۈتۈنلەي ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەش يىلدىن كۆپرەك ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان «توققۇزدا چىڭ تۇرۇش» − تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان بولۇپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزاندۇر، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر