باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە بايرىقى ئاستىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يېڭى دەۋر

--يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بايان

2018.08.17 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بايراق يول باشلايدۇ، ئىدىيە يولنى يورىتىدۇ

  ھەر قېتىمقى تارىخىي ئۆتكەلدە ۋە جىددىي پەيتتە، پارتىيەنىڭ يول باشچى، ھەربىي باش قوماندانلىرى يىراقنى كۆرۈپ ۋە پىلانلاپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  2013- يىلىنىڭ بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبە قىلىدىغان ۋە ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش»تىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  2014-يىلى ئالتۇن كۈزدە، گۇتيەندە رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قارار قىلغان ۋە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى ھالقىلىق پەيتتە دۆلەتنى يۆلەپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  2017- يىلى كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» ئىدىيىسىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى روشەن ئىدىيەسىنى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۈپ تۇتقا بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مەسىلىلەرگە توغرا يۈزلىنىشتە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇنى دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش داۋامىدا كۈچەيتىپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى--

  «تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ» ۋە «ئۈچنى قوغداش»نى ئارمىيەنىڭ كۈرەش ئىرادىسىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە بايرىقى ئاستىدا مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتى ۋە ئۇيۇشتى؛ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇشتەك تۈزۈمنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيە تۈزۈمى سىستېمىسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى گەۋدىلەندى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى؛ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توغرىلىنىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى تىكلىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم رەھبەرلىكىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىقتىدارى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى؛ كۈچلۈك ھالدا ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، گو بوشيۇڭ ۋە شۈ سەيخۇ قاتارلىقلارنىڭ زەھەرلىرىنىڭ تەسىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈزۈل-كېسىل تازىلاندى، ئەسلى مەقسەتكە، ئەنئەنىۋىلىككە ۋە قىياپەتكە قايتىپ كېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  يىراق ئوكياندىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداشتىن تاكى خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاشغىچە، رايون ھالقىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىن تاكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشقىچە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىن تاكى خەتەردىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە . . . ھەرقايسى سەپلەردە، ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدا، ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى جەزمەن مۇستەھكەم قورغان ۋە تۈۋرۈك دېيىشكە بولىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى يەنە داۋاملىق تۈردە ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا باشلاپ مېڭىپ، خۇددى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك دەۋر ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر