باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى __

شەكلى مۇقىم، سۈپەتلىك بولۇپ، ياخشى ھالەتنى ساقلىدى (ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى يىل ئوتتۇرىسىدا كۆزىتىش)

2018.08.16 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 7-ئايلىق دوكلاتى يېقىندا ئېلان قىلىندى، «شەكلى مۇقىم»، «سۈپەتلىك بولۇش»، «ياخشى ھالەتنى ساقلاش» ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى.

  15-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى سوڭ لياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، ئىشەنچى ۋە ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىماقتا. كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىمىز.

  ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «بازار سودا ئەھۋالى» مۇقىم سوڭ لياڭ نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزگە يىغىنچاقلىدى، يەنى «شەكلى مۇقىم»، «سۈپەتلىك»، «ھالىتى ياخشى».

  «شەكلى مۇقىم بولۇش»تا، ئاساسلىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «بازار سودا ئەھۋالى» مۇقىم بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئېشىپ، ئۇدا 12 پەسىل %6.7دىن %6.9كىچە بولغان مۇقىم ئارىلىقتا بولغان. ئاھالە ئىستېمالى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مۆتىدىل بولۇپ، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %2 ئۆرلىگەن. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان بولۇپ، 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىقنى تەكشۈرۈشتە ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.1 بولغان. خەلقئارا كىرىم-چىقىمدا ئاساسىي تەڭپۇڭلۇق ساقلانغان.

  «سۈپەتلىك»، ئىقتىسادىي قۇرۇلما يەنىمۇ تەڭشىلىپ ۋە ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى مۇقىم ئاشقان. بىرىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز يېتىلگەن. ئالدىنقى يەتتە ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪ 6.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقى بىلەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم-ئايرىم %11.6 ۋە %9 ئاشقان، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9 ئېشىپ، پۈتۈن سانائەتتىن كۆرۈنەرلىك تېز بولغان. ئىككىنچى، ئېھتىياج قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %78.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 14.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. ئەلئارا سېلىنما، ياسىمىچىلىق كەسپىگە مەبلەغ سېلىشتا مۇئەييەن ياخشىلىنىش بولغان. ئۈچىنچى، ئامىللىق قۇرۇلما سىجىل ياخشىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش رولى كۈنسايىن گەۋدىلەنگەن. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئەمگەكچىلەر ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلاردا تۆھپە قوشۇش كۆپەيگەن؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە كۈنىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 18 مىڭ 100گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ماسلىشىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇبى ۋە ئېشىش بەلبېغى تېز يېتىلىپ، بوشلۇق تەرەققىيات ئەندىزىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.

  «ھالىتى ياخشى» بولۇش، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىز ھەم «مۇقىملىقنى ساقلاپ»، يەنە «ئىلگىرىلەش»نى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، نەتىجىلەر ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر