باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم

__ چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن كېڭەيتىش لازىم (يىل ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە نەزەر)

2018.08.10 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەتتىنچى ئايدا، نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىسى جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى: خىمىيە ماگناتى باسىف گۇرۇھى گۇاڭدۇڭدا 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىسى قۇرماقچى بولدى؛ تېسلا شاڭخەيدە ئۆز ئالدىغا سېلىنما سېلىپ، يىلىغا 500 مىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت قۇرماقچى؛ BMW ئاپتوموبىل شىركىتى جۇڭگودىكى شېرىكلەشكەن زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى %16 ئەتراپىدا ئاشۇرماقچى... يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، يەر شارى بويىچە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشى ئەكسىچە ئېشىپ، كۆلىمى سىجىل مۇقىم بولدى، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 31-ئىيۇل ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش» چەت ئەللىك سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. كېيىنكى يېرىم يىلدا، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە روشەن ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، قانداق قىلغاندا چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يەنە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ؟

  چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتىكى يېرىم يىللىق نەتىجىلەر گەۋدىلىك بولدى

  جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خو جيەنگو: «ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھەر قايسى دۆلەت مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ كۆلىمى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى»، دېدى.

  نۆۋەتتە، دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك «مەبلەغ جەلپ قىلىش» شامىلى چىقماقتا، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بەس- بەستە سىياسەت چىقىرىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارى بويىچە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش بازار كۆرسەتكۈچى ئانچە ياخشى ئەمەس، ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى 6-ئايدا ئېلان قىلغان «2018- يىللىق دۇنيا مەبلەغ سېلىش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر دۇنيا بويىچە چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 1 تىرىليون 430 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 تۆۋەنلىگەن. تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ساڭ بەيچۇەن: «بۇ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتىكى <مۇقىم> بولۇش نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى»، دېدى.

  سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغنى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 68 مىليارد 320 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشقان. دىققەتنى تارتىدىغىنى، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 29 مىڭ 591 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.6 ئاشقان.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق سېلىنما مەنبەسىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ئامېرىكا، سىنگاپور، كورېيە، ئەنگلىيەنىڭ ئەمەلىي سالغان مەبلەغ سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %29.1، %19.7، %43.8 ۋە %82.5 ئاشتى. ئۇندىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سالغان ئەمەلىي مەبلەغ سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.4 ئاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.9 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر