باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھار شامىلى ئىچىدە پەرۋاز قىلىش (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

__ شىئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يىللىق ئۆزگىرىش يولى

2018.08.09 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قېتىم شىئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كوچىلىرىدىن ئۆتكەندە، 72 ياشلىق جاڭ دوڭ فەن دائىم ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بىنالارغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ماڭىدۇ. «خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى يۆگەك ئىچىدىكى بوۋاق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىگىرمە نەچچە ياشلىق يىگىت بولۇپ قالغاندەك، كۆز ئالدىمىزدىلا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قانداقمۇ خۇشال بولماي تۇرالايمىز!»

  شىئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققىلى 12 يىل بولغان جاڭ دوڭفەن بۇ «يىگىتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىد بولدى __ 1991-يىلى 3- ئايدا، گوۋۇيۈەن شىئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى» دېگەن بۇ يېڭى سۆز قەدىمىي شەھەر كىشىلىرىنىڭ قەلبىگە شىۋىرلاپ كىردى.

  27 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپىدىكى مۇھىم بازا بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش

  ياز كۈنلىرى كەچقۇرۇندا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېپىل خارابىسى باغچىسى ياپيېشىل باراقسان ئۆسكەن گۈل-گىياھلارغا تولغان ئىدى. ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ قارىغاندا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭلىك چىراغلار ئەمدىلا يورۇتۇۋاتقان خىزمەت بىنالىرى، ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر ۋە ئاپتوموبىللار كۆزگە چېلىقاتتى.

  «چىتلاق سىرتىدىكىسى ھازىرقى زامان دۇنياسى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە، باغچا ئىچىدە مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق بولۇپ، تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.» بايىلا تەيجى گۇمپىسى ئويناپ بولغان ليۇ ئۇستام يۈزىدىكى سۇس تەرنى ئېرتىپ، ياز كۈنلىرىنىڭ كەچلىك شامىلىدا مەستخۇش بولماقتا ئىدى.

  27 يىل ئىلگىرى، بۇ يەر پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى. 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىئەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر سىرتىدا ماشىنىلار گۈركىرەپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. باشقۇرۇش كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان جاڭ دوڭفەن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئورنىغا كەلدى، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، «تۆت ئەتراپى نامرات كەنت، تاشلاندۇق يەرلەر ئىدى، بىر تاشلاندۇق ئۆستەڭ بۇ يەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتەتتى. ئۇ ۋاقىتتا، يېڭى تەرەققىيات رايونىنىڭ كەلگۈسى قىياپىتىنى ھېچكىممۇ بىلمەيتتى ھەم تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى».

  ئىگىلىك تىكلىگەن كۈنلەر ھەم جاپالىق، ھەم خۇشاللىق ئىدى. باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت 100 مىڭ يۈەن راسخوت ۋە ئارىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بىر كونا پىكاپ بار ئىدى، 20گە يېقىن خىزمەتچى خادىم ئىجارىگە ئالغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆيدە ئىش بېجىرەتتى. شىئەن شەھىرى ئىچىگە بېرىپ سودىگەر چاقىرغاندا، كۆپچىلىك ۋېلىسىپىت مىنىپ شەھەرنى كېسىپ ئۆتەتتى؛ سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرغاندا، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس، پويىزغا ئولتۇراتتى. جاڭ دوڭفەن: «جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قىزغىنلىققا تولغان، پۈتۈن بەدىنىدە تۈگىمەيدىغان كۈچ بار ئىدى. 27 يىلدىن بۇيان، ئوتتەك ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى كۈچ ئۇلاپ ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلمەكتە»، دېدى.

  شۇ يىلى، شىئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، مەملىكەت بويىچە 50 نەچچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سۈرئىتى»نى ئەسلىگىنىدە، جاڭ دوڭفەننىڭ قەلبى ھاياجانغا تولۇپ: «شۇ يىلى رايون قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى ئىش باشلاندى، شۇ يىلى ئۈنۈمى كۆرۈلدى. تۇنجى جەڭدىلا غەلىبە قىلىش يۇقىرى، يېڭى تەرەققىيات رايونى كىشىلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى»، دېدى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ، قېلىن سېرىق توپىلىق زېمىندا، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غول تارتىپ چىققان «ئۆسۈپ يېتىلىش سادالىرى» ئارقا-ئارقىدىن ياڭرىدى: تۈزۈلمە جەھەتتە، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە شەھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى يۈرگۈزۈلدى؛ مېخانىزم جەھەتتە، «بىر پونكىت شەكلىدە خىزمەت قىلىش» يولغا قويۇلۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆزگەرتىشتىكى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى؛ مۇلازىمەت جەھەتتە، «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىش»تەك «يۇقىرى، يېڭى تەرەققىيات رايونى ئورتاق تونۇشى» مۇجەسسەملەندى...

  مانا مۇشۇنداق يول ئېچىش روھىغا تايىنىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەردانە قەدەم تاشلاپ، نەتىجىلىرىنى كۈيلىدى، شۇ يىلىدىكى ئاشۇ «ئاق قەغەز» بۈگۈنكى كۈندە رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. 70 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بۇ يەردە تىزىملاتتى، دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىكى 120 كارخانا بۇ يەردە 177 بالا شىركەت ۋە ئاپپارات تەسىس قىلدى، ئېلېكتىرون- ئۇچۇر، ئىلغار ياسىمىچىلىق، بىيو -دورا، زامانىۋى مۇلازىمەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپ شەكىللەندى... دەۋر ئۆزگىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېڭى بىر كەسپىي شەھەر قەد كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر