باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سەككىز يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يېرىم يىللىق تەتۈر پەرق كىچىكلىدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى

2018.08.08 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 7-ئاۋغۇست تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى مۇقىم، تېزرەك ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، قۇرۇلما تېخىمۇ ئەلالاشتى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۆستى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 531 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇلازىمەت سودا ئېكسپورت سوممىسى 841 مىليارد 570 مىليون يۈەن، مۇلازىمەت سودا ئىمپورت سوممىسى 1 تىرىليون 689 مىليارد 760 مىليون يۈەن، مۇلازىمەت سودا پاسسىپ بالانىسى 848 مىليارد 180 مىليون يۈەن، پاسسىپ بالانىس كۆلىمى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2 مىليارد 660 مىليون يۈەن كېمەيگەن بولۇپ، بۇ، 2010-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يېرىم يىللىق تەتۈر پەرقنىڭ كىچىكلىشى.

  ئۇندىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتىدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى:

  مۇلازىمەت سودىسىنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت كەسپى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 846 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ %19 ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېشىش سۈرئىتىدىن 10.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئۆستى. ساياھەت، تىرانسپورت ۋە بىناكارلىق قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 3.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

  مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش تۈردىكى كۆرسەتكۈچتىن ياخشى بولدى. ئىچكى ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تاشقى سودىدا ئىگىلىلىگەن ئومۇمىي سوممىسى (مال سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسى)دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.2 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى. مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى مال ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.6 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، شۇ مەزگىلدىكى مۇلازىمەت كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت، خەلق ئىگىلىكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت ئېكسپورت سوممىسى 440 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، %23.6 ئېشىپ، ئومۇمىي مۇلازىمەت ئېكسپورتىدىن 10 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇلازىمەت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.3 يېتىپ باردى، ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى. بۇنىڭ ئىچىدە تېلېگراف، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى، سۇغۇرتا، شەخسىيلەر مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش، ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %20تىن ئېشىپ، ئايرىم- ئايرىم %52.4، %37.9، %35.8، %22.6 بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە روشەن گەۋدىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر