باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ساغلاملىقنى ھەمراھ قىلىپ، بەخت بىلەن بىرگە ئىلگىرىلەيلى

__ 10-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا

2018.08.08 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇياش زېمىننى يورۇتقاندا، بەدەن چېنىقتۇرۇش خۇددى كۈندىلىك تۇرمۇشنى ئاچىدىغان بىر ئاچقۇچقا ئوخشايدۇ. ياشانغانلار تەيجى گۇمپىسى ئويناپ، يەلپۈگۈچىنى ئوينىتىدۇ، ھەرىكەتلىرى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدۇ؛ ھەدىلەر مۇزىكىغا جۆر بولۇپ، تىزىلىپ گىمناستىكا ئوينايدۇ؛ يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى قەدەم ئالغاندا، ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرىدا «كارتا سۈركەشنى ئۇنۇتمايدۇ؛ توپ ھەۋەسكارلىرى جەم بولۇپ ئۆز ئارا بەسلىشىپ، ھەر بىر قالتىس ماھارەتلەر ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىدۇ...

  بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىز 10-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنىنى كۈتۈۋالدى. 10 يىل بۇرۇن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى − ئولىمپىك بىلەن شەرقتىكى قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ كېسىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، شۇنداقلا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىجتىمائىي يېڭى مودا بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە ساغلاملىق، خۇشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلماقتا.

  2017-يىلى، دۆلەت ئىچىدىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئومۇمىي ئادەم (قېتىم) سانى 5 مىليونغا يەتتى، بەدەن چېنىقتۇرۇش يۇمشاق دېتالى Keep ئارقىلىق توردا بەدەن چېنىقتۇرىدىغان كىشىلەر توپى 120 مىليونغا يەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى قار تېيىلىشقا قاتناشقان ئومۇمىي ئادەم (قېتىم) سانى 10 مىليوندىن ئاشتى... ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان سانلار ئاممىنىڭ تولۇپ تاشقان ساغلاملىق ئېھتىياجىنى ئەكىس ئەتتۈردى. «مېنى مەشىق قىلدۇردى»دىن «مەن مەشىق قىلىمەن»گە بولغان ئۆزگىرىشكىچە، «ھەر كۈنى بەدەن چىنىقتۇرغاندا، ھەممەيلەن بەختلىك بولىدۇ» دېگەن ئىدىيە ئادەتكە ئايلاندى.

  ئاممىۋى تەنتەربىيە مىسلىسىز يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، ئۇنىڭغا يېڭى ئەندىزە بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كەڭ ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام بولۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا قانداق ماسلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەنتەربىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگىلى بولىدۇ؟ بۇ، يېڭى دەۋردىكى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوقۇم جاۋاب بېرىش كېرەك بولغان سوئال بولۇپ، بىر مەيدان ئومۇمىي خەلق قاتناشقان «بەدەن چېنىقتۇرۇش ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى» ئاستا ـ ئاستا بەرپا قىلىنماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر