باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دولقۇن يېرىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

2018.08.06 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلاھات ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتتا يەنىلا نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

  19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى.

  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەينەندە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىيوڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار زور ئىسلاھاتلار ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەزلىك تەڭشەش ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتەك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىي تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى بىر-بىرلەپ يولغا قويۇلدى، ھەمدە بۇ جەھەتتە يېڭى زور بىر دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

  «ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك» --پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەخسەن ئۆزى رەھبەرلىك قىلىشى، ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈشى نەجىسىدە، ھەمدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەش نەتىجىسىدە، ئىسلاھات قاتارلىق ئۇلۇغ ئىشلار يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، تونۇشتىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئىرادە بولدى.

  پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «2020- يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» نىشانى، بۈگۈنكى كۈندە يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملاندى.

  تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قانچە قەدەم قويغانسېرى، ھەمدە قانچە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كەلگەنسېرى، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا دۇچ كەلگەندە كۆۋرۈك سېلىشتەك ئىسلاھات روھى تېخىمۇ بولۇشى لازىم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدا،يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يۈزلەنگەن ھالدا، ھەمدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى ئابىدىلىرىنى ياراتتى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش لازىملىقى، «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»نىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تاكتىكىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكى قايتا تەكىتلەندى.

  ئىسلاھات ئىدىيەسى تېخىمۇ ئېنىق بولدى. پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدا ئۆتكەن بەش يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يەكۈنلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور بۆسۈشلەر مەركەزلىك شەرھلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئىدىيەسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پۇرسەت چىڭ تۇتۇلۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى.

  ئىسلاھات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق بولدى. تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىنىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. 2-قېتىملىق يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكى چىڭ تۇتۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئىسلاھات قەدىمى تېخىمۇ كۈچەيدى. پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش، دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە 158 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تولۇق مەزمۇنىنى ئاستىدىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر