باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلايلى

-- ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا (1)

2018.08.02 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇراقلىق بولۇش تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى، تۇراقلىق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىراققا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تۇراقلىق بولدى، ھەمدە تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى يىغىن ئېچىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھەمدە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەمدە ئۇلارنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلىق بولۇش، تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ياخشىلىنىش»، بۇ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىز ئىقتىسادىي ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىدۇر. «تۇراقلىق بولۇش»نىڭ ئىپادىسى ئاساسلىقى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇندا تۇرغانلىقى بىلەن ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئېشىپ، ئۇدا 12 پەسىل %6.7-%6.9غىچە بولغان ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەت ئارىسىدا مۇقىم تۇراقلىق بولۇش ھالىتى ساقلاندى. ئىقتىساد ھەرىكىتىدىكى ئېشىشى تۇراقلىق، مال باھاسىنىڭ ھارارىتى مۆتىدىل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى، خەلقارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولۇشتەك ئايلىنىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى. «ياخشىلىنىش»نىڭ ئىپادىسى بولسا، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ داۋاملىق سەرخىللاشقانلىقىدا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60.5كە يېتىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «باللاست»لىق رولى داۋاملىق مۇستەھكەملەشتۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %78كە يېتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئۇللۇق رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇل مۇئامىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىجتىمائىي كۆزلىمىسىدە پائال تۈردە ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختلىك بولۇش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيدى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلىق بولۇش، تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، چوڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن خەلقنى ئۈزلۈكسىز تۈردە نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، يېڭى ۋە كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بازار كۆزلىمىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھەمدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويۇش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى ۋە ئىشەنچىسى كۈچەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر