باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.08.01 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو خەلقى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ ھەم ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئەقىل-پاراسەت ئالدى، ھەم شەرق-غەربتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەڭ قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز دۇنياغا يۈزلىنىپ، دۇنياغا سىڭىپ كىرىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى». جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ مۇساپىسىنى مۇپەسسەل ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان «جۇڭگو ھەرىكىتى»نى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  بۇ يىل جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئاجايىپ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل بولۇشتىن مول بولۇشقا ئۆزگەردى، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە ئۆزگەردى، ھازىرقى ب د ت نىڭ ئۆلچىمىدىن تۆۋەن 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، شۇ مەزگىلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان دۇنيادىكى نامرات ئاھالە ئومۇمىي سانىنىڭ %70تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ئۇدا نۇرغۇن يىل %30تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ باشتىن ئاخىر يۇقىرى-تۆۋەن ئىزدىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىپادىلىدى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ باشتىن ئاخىر قوينىنى كەڭ يېيىپ، دۇنيا ئۈچۈن قوشقان جۇڭگو تۆھپىسى «دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولالايدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولالايدۇ»، دېگەن ئاددىي پەلسەپىۋى قائىدىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر