باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (5)

2018.07.31 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادىل ۋە ھەققانىي بولغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى. خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسى 10 يىلدىكى دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر قايتا بەرپا قىلىنىش ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، «كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيانى تۈزەش ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يېڭىچە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنىڭ قاتناشقۇچىسى، قۇرغۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  ياخشى، مۇقىم بولغان تاشقى مۇھىت ھەممە دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ شۇنداق. شۇنى چوقۇم كۆرۈش كېرەككى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، جۇغراپىيەلىك ئورۇن سىياسىي قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بىردەم پەسىيىپ، بىردەم كۈچەيمەكتە، تېررورىزم، قوراللىق توقۇنۇشنىڭ قارا كۆلەڭگىسى يوقىغىنى يوق؛ بىر تەرەپلىمىلىك مەسلىكى، قورۇقچىلىق بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسلىكى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى مۇھىتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن دۆلەت ھالقىغان زور ۋە دۇنياۋى خىرىسلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇناسىپ تەڭشەپ ئىسلاھ قىلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. بىراق، بۇ خىل ئىسلاھات ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، باشقىچە يول تۇتۇش ئەمەس، بەلكى يېڭىلىق يارىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگىنىدەك: «ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپ مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن ئۇ قائىدىنى ئاساس قىلىپ، ئادىللىقنى يېتەكچى قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلسا ئۇنى خالىغانچە تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئاغدۇرۇۋېتىپ يېڭىباشتىن تىكلەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ». دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق ئۈنۈملۈك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپىگە ئۇيغۇن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر