باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل»نىڭ تارىخىي بوسۇغىسىدا

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش خاتىرىسى

2018.07.31 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى جوھاننىسبۇرگنىڭ قىش كۈنى، ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل»نىڭ تارىخىي بوسۇغىسىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىزىنى ئەسلەپ، كۆز ئالدىغا نەزەر سالغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن سەھنىسىگە يەنە بىر قېتىم قەدەم قويدى.

  ھەر يىلى ئۆز قەرەلىدە ئۇچراشقاندەك، بۇ يىلمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇچراشتى. بەلكى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئورنى دەل بەش يىلنىڭ ئالدىدا رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغىنىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇچرىشىشقا چىققان جاي __ جەنۇبىي ئافرىقا ئىدى.

  بەش يىل ئاۋۋالقىغا ئوخشاش، خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى بىر يۈرۈش سەرخىل ھەرىكىتى دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگونىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ، دۇنيانى پائال جۇڭگو تەدبىرى بىلەن تەمىنلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى كۈتۈشىمۇ دەل ھازىرقى ئېنىقسىز بولۇۋاتقان دۇنيادا جۇڭگونىڭ پۇختا ئىش-ئىزلىرىغا بولغان ئۈمىدى ۋە ئىشەنچى سەۋەبىدىن ئىدى.

  تارىخ ۋە كەلگۈسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەش

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، سائەت ئسترىلكىسىنىڭ 16گە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىغىن زالىغا توپلانغان كىشىلەر بارغانسىرى كۆپەيدى. ئۇلار ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشەتتى، ئۇلار ياكى مىڭ چاقىرىملاپ دېڭىز-ئوكيان ھالقىپ كەلگەن، ياكى ئافرىقا قىتئەسى قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چۆل-جەزىرە ھالقىپ يىغىنغا يېتىپ كەلگەنلەر.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدا بىرىنچى قېتىم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مۇنبىرىدە بولدى.

  «دەۋر ئېقىمىغا لايىقلىشىش» __ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ تېمىسى جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا بولغان ئويىنى ئېنىق قىلىپ ئەكس ئەتتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى __ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.

  10 يىل بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى قۇرۇلغاندا، دەل يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ توپ-توپى بىلەن كۆتۈرۈلۈش پەيتى بولدى. 27-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى بىرەسمىي سۆھبىتىدە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار سانلىق مەلۇماتلارنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىدى. «يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %80كە يەتكەن. پېرىۋوت نىسبىتى ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %40كە يېقىنىنى ئىگىلىگەن.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇرقى شيامېن ئۇچرىشىشىدا تىلغا ئالغان ئىككى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگىلى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

  دۇنيا تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش، ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىگىلىكى دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ بەش دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىيات ئۆلچىمى جەھەتتە، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى سودىدا چوڭ بازارغا مەبلەغ سېلىش، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ چوڭ ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھەلەر چوڭ ئالاقىسى، ئادىمىيەت جەھەتتە كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى جانلىق نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر