باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان كاتتا سىمفونىيەنىڭ ئېسىل بۆلىكىنى پۈتۈپ چىقايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى بەش دۆلەتتىكى زىيارەت خاتىرىسى

2018.07.30 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى دىپلوماتىيە سەپىرىنى باشلىدى.

  ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىزچىل جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. 2013-يىلى 3-ئايدا، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقتى، مەنزىلى ئوخشاشلا ئافرىقا بولدى.

  ئۇ قېتىم، رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئافىرىقىغا قارىتىلغان چىن ھەم سەمىمىي بولغان سىياسەت قارىشى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

  بۇ قېتىم، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن غەربىي ئافرىقىدىكى سېنېگالغا باردى، ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى رۋاندادىن ھىندى ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيان ئوراپ تۇرغان جەنۇبىي ئافرىقىغا باردى، ئاندىن شەرقىي ئافرىقىدىكى ئارال دۆلەت ماۋرىتىئۇسقا سەپەر قىلدى.

  تاغلار ۋە قۇملۇقلارنى ھالقىپ، ئاسىيا-ئافرىقا ئىككى قىتىئەنى كېسىپ ئۆتتى. 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، 11 كۈندە بەش دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، 50 مەيدانغا يېقىن پائالىيەتكە قاتناشتى، جەمئىي 45 سائەت ئۇچتى، سەپەر ئومۇمىي مۇساپىسى 36 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

  ئورتاق غايە − تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەمكارلىق رىشتىسىنى چىڭىتتى؛ ئەمەلىي ھەرىكەت – ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتى؛ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش − ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىشقا تۈرتكە بولدى.

  مېھىر بىر يەردىن چىقتى: مىڭلىغان تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.

  بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن ئىككىنچى قېتىم ئەرەب يېرىم ئارىلىغا زىيارەتكە بېرىشى، 4-قېتىم ئافرىقا زېمىنىغا قەدەم بېسىشى بولۇپ قالدى.

  ھەممىلا يەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، پۈتۈن مۇساپىدە كۆڭۈل قويۇپ ئەتراپلىق كۈتۈۋېلىندى.

  «قۇملۇق گۈلى» ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «جۇڭگو قىزىلى» مەۋج ئۇردى. پايتەخت ئەبۇزەبى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئاساسلىق يوللارنىڭ ھەممىسىگە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېسىپ قويۇلدى، نۇرغۇن جايلاردىكى بەلگىلىك قۇرۇلۇشلاردا ئۇدا نەچچە كۈن جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى چىراق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. 12 كۈرەشچى ئايروپىلان بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ قوغدىدى، 12 ئاتلىق ھۆرمەت قاراۋۇلى مۇھاپىزەت قىلدى، بوشلۇقتىكى چەۋەنداز ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى كۆك ئاسماندا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگىگە سىمۋول قىلىنغان قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك لېنتىلارنى سىزىپ چىقتى. ھەتتا شۇ جايدىكى تېلېگراف تىجارەت كارخانىسىمۇ يان تېلېفون سىگنالى نامىنى «جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنى قارشى ئالىمىز» (WelcomePresChina)غا ئۆزگەرتتى. رەئىس شى جىنپىڭ يېتىپ بارغان شۇ كۈنى كەچتە، رەڭدار ساليوتلار ئەبۇزەبىنىڭ دېڭىز قىرغىقىنى يورۇتتى، ئېگىز بىنالاردا «قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە گۈللىنىش» دېگەن چوڭ پىلاكاتلار نامايان بولدى.

  «مېھماندوست دۆلەت» سېنېگال «مەن جۇڭگونى سۆيىمەن»، «رەئىس شى جىنپىڭغا رەھمەت» دېگەن مېھىر- مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمدى. زۇڭتۇڭ سارىيىغا بارىدىغان جۇمھۇرىيەت چوڭ يولىدا، 58 ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۇچىسىغا قىزىل كىمخاب تون كىيىپ، مۇھاپىزەت قىلىپ كۈتۈۋالدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كەتتى. قوللاردىكى دۆلەت بايراقلىرى، رەڭدار ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر، كۈلگەن چىرايلار، مىننەتدارلىق ۋە تىلەكلەر يېزىلغان شوئارلار خۇددى داكار كوچىلىرىدىكى رەت-رەت سۇمۇرغ گۈلىگە ئوخشاش قىزغىن ۋە جۇشقۇن ئىدى.

  «دۆڭلۈك دۆلىتى» رۋاندا قىزغىنلىقى بىلەن كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. زۇڭتۇڭ كاگامې ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى جەنېت ئايرودرومغا چىقىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى. تۇنجى زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو دۆلەت رەھبىرىنى كۈتۈۋالغاندا، زۇڭتۇڭ كاگامې ئەزىزلەرنى ئايرودرومنىڭ ئەزىز مېھمانلار ئايرىمخانىسىغا تەكلىپ قىلىپ، قىزغىن پاراڭلاشتى. ئېسىل كېيىنگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، سەبىي بالىلار، خۇشاللىقنى نامايان قىلىدىغان ئافرىقا دۇمبىقى، شوخ مىللىيچە ئۇسسۇل، ئېگىز-پەس تاغ تىزمىلىرى ئۈستىدىكى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردىكى چىراغلار... كىگالىنىڭ كېچە ئاسمىنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى بىلەن ئالاھىدە تەسىرلىك كەيپىياتقا چۆمدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر