باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققانلىقى توغرىسىدا

2018.07.19 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى مۇساپە __ يېڭى ئۈمىدنى تۇغدۇرىدۇ. 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رۋاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھانسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، ماۋرىتىئۇس چېگراسىدىن ئۆتىدۇ، ھەمدە دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ، بۇ يىل 3-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە داۋاملىق سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى سىرتقا چىقىپ زىيارەتتە بولۇشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

  خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەم شۇنداقلا 9-ئايدا ئېچىلىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ ئۇچرىشىشىغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەش، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى يەنىمۇ ياڭرىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق قىزغىنلىقىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈشتە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى زور.

  جۇڭگو بولسا ئالدىنقى نۆۋەتلىك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشى، 2017-يىلى 9-ئايدىكى شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىل»غا قەدەم قويغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يوھانسبۇرگ ئۇچرىشىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىماقتا، بۇنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتا ئەھمىيىتى زور.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر