باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئورتاق تەرەققىيات ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشماقتا

2018.07.16 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىگە ئىنتىزار!»

  خۇددى ئۇچۇپ كەلگەن ئىللىق شامال كەبى، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ئافرىقا باغرىغىچە، سېنېگال دەرياسىدىن ماۋرىتىئۇس ئارىلىغىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا ئىنتىزار بولغان سادالىرى يىغىلىپ، گۈزەل سەھىپىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

  بۇ، بۇ يىل 3-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۇدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى.

  2013-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ھەمدە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۇنيا بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ قارارىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كوللېكتىپ قاتنىشىش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق سىياسىي ئارزۇسى بولۇپ قالدى. ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىللىق قارالما»سىنى تۇتاشتۇرۇش، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۈشكۈل ۋە ئەگرى- توقاي بولماقتا، يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىم ئەۋج ئېلىپ، قورۇقچىلىق ۋە ئۆزۈمچىلىك خاھىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قانداق قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ؟

  جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، دۇنيا بىلەن بولغان باغلىنىش ۋە ھەمتۈرتكىلىكى مىسلىسىز كۈچەيمەكتە، يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جۇڭگو قانداق قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئورتاق تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدۇرالايدۇ؟

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا-ئافرىقا سەپىرى زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەر ۋە دۇنيانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقۇسى.

  ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول يېڭى تارىخىنى پۈتۈپ چىقايلى

  ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە نامراتلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى كىشىلەرنى ئۇزاققىچە تىنچ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  قەدىمكى يىپەك يولى دوستلۇق ئالاقە تارىخى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ھەر ساھەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئەبۇزەبى خەلىپىلىكىنىڭ ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى بۇرۇنقى ئۇزۇن تارىخىي مەزگىلدىلا يىپەك يولى ئارقىلىق بىلىشىپ، سىرداش دوستلارغا ئايلانغان، بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىرادىسى.

  15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جېڭ خې شەرقىي ئافرىقىغا سەپەر قىلىپ چەت ئەللەر بىلەن سودا قىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرغان. ئافرىقا ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە، بۇ تارىخ مول سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. سېنېگالنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئاداما گاي: جېڭ خېنىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخى جۇڭگونىڭ تاشقى ئالاقە جەريانىدا ئەزەلدىن تىنچلىق ۋە دوستلۇق ئۇرۇقىنى چېچىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئالاھىدە «ئەۋرىشىم مۇناسىۋەت»كە ئىگە، دېدى.

  يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە، جۇڭگو مول سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىت-خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ بازار بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئۇدا نەچچە يىل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى. ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خۇسام زاكى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ: «جۇڭگو تاشقى ئالاقىدە ئالدىن سىياسىي شەرت قويماي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى، ئەرەب ئەللىرى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئومۇمىيۈزلۈك خالايدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر