باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئامېرىكا دۇنيا ئىقتىسادىنى «چېكىنىش تۇزىقى»غا تارتىپ كىرمەسلىكى كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.07.13 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا سودا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم بىر ھالقا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، چوڭ دائىرىلىك سودا تالاش-تارتىشىنى قوزغىشى مۇقەررەر ھالدا يەر شارى سودا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. دۇنيا بانكىسى ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا تاموژنا بېجىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئۆرلىشى دۇنيا بويىچە سودىغا ئېغىر سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ سودا ياكى پۇل مۇئامىلە بازىرى بىلەن باغلىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر تاموژنا بېجى GATT ياكى WTO (GATT تاموژنا بېجى ۋە سودا ئومۇمىي كېلىشىمى، WTO دۇنيا سودا تەشكىلاتى)دىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىپ بارسا، دۇنيا ئىقتىسادى دەرھال %2.5 ئازىيىپ، دۇنيا بويىچە سودا مىقدارى %60 تىن ئارتۇق ئازىيىدۇ، سەلبىي تەسىرى 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى قوزغىشى دۇنيا قىممەت زەنجىرىگە زەربە شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشقا كەڭ كۆلەملىك تاشما ئېففېكت پەيدا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بۇ يىل 4-ئايدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاموژنا بېجى ۋە غەيرىي تاموژنا بېجى سودا قورغىنىنىڭ كۆپىيىشى دۇنيا قىممەت زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ كېڭىيىشىنى ئاستىلىتىپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يەر شارى بويىچە بازارغا بولغان ئىشەنچ كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراپ، پاي چېكى بازىرى، پېرېۋوت بازىرىنىڭ داۋالغۇشى كۈچىيىپ، كۆپ دۆلەتتىكى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  سودا ئۇرۇشى ئەزەلدىن قوش بىسلىق خەنجەر، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەقلىنى يوقاتقان بىر تەرەپلىك سودا قورۇقچىلىق قىلمىشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىمەي قالمايدۇ. جۇڭگو دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 6- ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ 2 مىليارد 800 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالدى، كانادا بولسا مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 12 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئالدى... ئامېرىكا دۆلەتلىك باج تاپشۇرغۇچىلار ئىتتىپاقى، ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە نۇرغۇن بىلىملىك زاتلار ئاق ساراي قوزغىغان سودا ئۇرۇشىنى ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا «ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قاتىلى» دەپ ئەيىبلەپ، زىيان تارتىدىغىنى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە كەڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، دېدى.

  ئامېرىكا ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى يېمەك- ئىچمەكتىن غەم قىلماي تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. دۇنيا ئىقتىسادى قالايمىقانلىشىپ كەتسە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۈنىمۇ تەبىئىيلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ، لېكىن ئاساسىي كاپالەتمۇ مەسىلە بولۇپ قالىدىغان كۈنگە قالماسمۇ؟ ئاق سارايدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر خىيالىغا كەلگىنىچە سودا ئۇرۇشى قىلغاندا، بۇنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نامراتلارغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمىدۇ؟

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋېدو سودا ئۇرۇشىنىڭ ھەممە ئادەمگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن كەمبەغەللەر %63كە يېتىدىغان سېتىۋېلىش كۈچىدىن زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  مەيلى ئەخلاق قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، ياكى خەلقئارا قائىدە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا «چېكىنىش تۇزىقى» پەيدا قىلىدىغان ھوقۇقى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر