باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

___ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(2)

2018.07.06 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك تەشكىلات سىستېمىسىگە تايىنىپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى توختىماي ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەشكىلات تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قۇرۇلغان، تارىختىن بۇيان پارتىيەمىز تەشكىلات قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى، يەرلىك تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇختا تەشكىلات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ، دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق پارتىيەدە بولمىغان كۈچلۈك ئەۋزەللىك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالىي نوپۇزغا، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزغا ئىگە بولۇشىغا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قايسى ساھە، قايسى قاتلام، قايسى ئورۇن، قايسى تەشكىلاتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلىش، چەكلىگەننى دەرھال توختىتىشتىن ئىبارەت. پارتگۇرۇپپىلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ «نېرۋا سەزگۈلىرى» بولۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك ئېڭى ۋە تەشكىلىي قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە تەشكىلنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، سىياسىيدا تەشكىلگە تايىنىش، خىزمەتتە تەشكىلگە بويسۇنۇش، ھېسسىيات جەھەتتە تەشكىلگە ئىشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر