باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.07.06 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزنىڭ چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشىدىكى ئاچقۇچ __ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىگە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتىمىز.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم ئىقتىدارلىق بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىجادىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش، پارتىيەمىزنىڭ 97 يىللىق تارىخىي تەجرىبىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىلغان ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىسىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تەلىماتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، مۇھىم دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر