باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالايلى

___ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا

2018.07.03 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە؛ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شۇ باسقۇچقىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىزدىنىش قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نېمە ئۈچۈن تۇتىمىز، كىم تۇتىدۇ، نېمىنى تۇتىدۇ، قانداق تۇتىدۇ، دېگەن بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرىگە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى كۈچەپ تاللاپ ئۆستۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ئاساس پۇختىلىنىپ، غايە-ئېتىقاد چىڭىتىلدى

  ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىدۇ. ئالىي ئىشلار قەتئىي ئېتىقادقا موھتاج. غايە-ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ «كالتسىي»سىدۇر، جەزمەن بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاش، مەنىۋىيىتىنىڭ كالتسىيسىنى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيەۋى يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە-ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشنى ئۇل، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. بۇ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلىشى، ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلىشى، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدە بىر قاتار باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»دىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىلىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەشتىن دائىملىق تەربىيەلەشكە ئۇزارتىلىپ، ھالقىمۇھالقا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە يارىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر