باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر ئۈلگىلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

___ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2018.07.02 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان يېڭى دەۋردىكى تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداشقا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا چاقىردى.

  بۇرچ مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۈلگىلەر دەۋرنى يېتەكلەيدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نەمۇنىلىك ئۈلگىلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، ئىلغار تىپلار ئۈزۈلمىدى. لياۋ جۈنبو، زۇ بىخۇا قاتارلىق رەھبىرىي كادىرلار «جان-دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»نى گەۋدىلەندۈردى؛ خۇاڭ دانيەن، لى باۋگو قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا سىڭدۈردى؛ «چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن 3-ليەن»، ۋاڭ رۇي قاتارلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتلىرى قان-تەرى بىلەن «پارتىيەگە سادىق بولۇش»، «خەلق ھەممىدىن ئەلا» دېگەننى گەۋدىلەندۈردى... دەۋر دولقۇنى شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلغار تىپلار تېز سۈرئەتتە مەيدانغا كېلىپ، قولغا كەلتۈرگەن «تارىخىي نەتىجىلەر»نى، جاپالىق ۋە شانلىق «تارىخىي ئۆزگىرىشلەر»نى يەنە بىر جەھەتتىن ئىسپاتلىدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۇلۇغۋار ئىستىكىنى كۆزلەپ، تىپىك شەخسلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشىنى مۇھىم يول قىلىپ، ئۈلگىلەرنىڭ كۈچى بىلەن كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئويغىتىپ، ئۈلگىلەرنىڭ كۈچىنى ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا، خەلق تارىخنى يارىتىدىغان ئۇلۇغ كۈرەشلەرگە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەلبنى-كۈچنى مۇجەسسەملەپ شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سىڭدۈرەيلى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىلدىن بۇيان تەستىق سالغان ئىلغار تىپلارنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. ئۇلار مەيلى دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مەيلى دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى، مەيلى ئادەتتىكى ئەسكەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالتۇنغا ئوخشاش نۇر چاچىدىغان قەلبى جۇمھۇرىيەت ئاسمىنىدىكى ئەڭ چاقناق يۇلتۇزغا ئايلانغۇسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر