باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك

___ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىغا ئاتاپ

2018.07.02 09:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە. چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك.» پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى ھەم تەمكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغ خىتاب بولدى، ھەم كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  قۇرۇلغىنىغا 97 يىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 69 يىل بولغان پارتىيە، مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ «يەر شارى تەۋەلىكىدىن ئۆچۈرلۈۋېتىلىش» خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتنى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ باردى. يەتكۈچە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن مىللەتنى گۈللىنىش ئارزۇسىغا يېقىنلاشتۇردى....

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم كۈچىيىدۇ، داغدام يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم ئۇلۇغ بولىدۇ، قالتىس ماھارىتى بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم قۇدرەت تاپىدۇ.

  يۈكسەك غايە ۋە بۈيۈك مەسئۇلىيەت: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش ئۈچۈن، ئۇلۇغۋار بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، قاينام-تاشقىنلىق ئەسىر دولقۇنىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى

  بۇرچنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، باشلانغان جايغا بېرىش كېرەك.

  «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئەزا بولۇپ كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن...» «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرگەندە بەرگەن جاراڭلىق قەسىمىنى تەكرارلىدى.

  بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە ئۈلگە بولدى» دېدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باج شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ جايغا كېلىپ، دۇنياغا: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىمىز، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ دۇنياغا كەلدى، بۇ «مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىش» بولدى.

  1921-يىلى 7-ئاي، شاڭخەي. ئۇچىسىغا ئۇزۇن كەمزۇل كىيگەن، جۇڭشەن فورمىسى كىيگەن، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ئون نەچچە ئىرادىلىك كىشى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى بىلەن، تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، فىرانسىيە كونسېسسىيەسىگە جايلاشقان خىلۋەت ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ مىس ھالقىسىنى يېنىك تاقىلداتتى.

  غايىگە تۇتىشىدىغان دەرۋازا جىمجىت ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇشۇ يەردىن ئاتلىنىپ 60 كىشىگىمۇ يەتمەيدىغان «يەر ئاستى پارتىيەسى»دىن تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلاندى.جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇرچنى قەلبىگە پۈكۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، 100 يىللىق جۇڭگونىڭ ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر