باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۈلگىلەرنىڭ نۇرى ئارقىلىق گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتايلى

2018.06.29 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزىلەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تارىخنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدىكى ئەڭ نۇرلۇق كوردىناتقا ئايلاندى. زامان، ماكاندىن ھالقىغان بىر خىل روھ بار، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئېتىقاد قەسىرىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرلۇق چىراغ.

  پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 97 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەرگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرغاندا، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە مۇقەررەر ھالدا ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئاۋانگارت بولۇشقا تىرىشىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلىغىلى بولىدۇ.

  ئۈلگە كۆرگىلى بولىدىغان پەلسەپەۋى قائىدە بولۇپ، ئۇ كوممۇنىستلارنىڭ روھىي خىسلىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «قىزىل نەزەرىيەچى» جېڭ دېرۇڭ بارلىقىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، ئۆمۈر بويى ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرىنى قوغلاشقان؛ كەلگۈسىنىڭ «ئۇرۇق»ىنى چاچقان جۇڭ ياڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋەتەننىڭ ئۇرۇق پەن تەتقىقاتى ۋە شىزاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېپىدىكى «رازۋېدچىك» لى چۈەنشىن نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش روھىنى ھاياتى ئارقىلىق شەرھلىگەن؛ «پاناھلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىقى» شۈ شۈەي ھايات ۋاقتىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن، ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان؛ «دېھقان شۇجى» جياڭ شىكۈن ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىش ئۈچۈن بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، قىسقىغىنا ھاياتىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن؛ ھەربىي سانائەتنىڭ باشلامچىسى جاڭ جىن جاسارەت بىلەن ئىسلاھات قىلىپ، چەكلىك كىشىلىك ھاياتىنى چەكسىز ئىشلارغا ئاتىغان؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى جاڭ چاۋ ئۇلۇغ ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، ھايات-ماماتلىق پەيتتىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ سىيماسىدا ئېتىقادقا بولغان قەتئىيلىك، پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، ۋەتەننى سۆيۈشتەك سەمىمىيلىك، خەلق ئۈچۈن ئىشلەشتەك ساداقەتمەنلىك، ئىش قىلىشتىكى كامىللىق، ئۆزىگە بولغان تەلەپچانلىق، ئاجايىپ كەڭ قورساقلىق مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن، ئۇلار يېڭى دەۋر كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە-ئېتىقادىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان سىياسىي خىسلىتى ۋە ئاۋانگارتلىق ئوبرازىنى جانلىق نامايان قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر