باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتەيلى

__مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (4)

2018.06.27 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىز تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشى ۋە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش كېرەك.بىز پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىنىنىڭ 40 يىللىقى، 2019-يىلى بىز دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يىلى، 2021-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، 2022-يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە بۇنى كوردىنات قىلىپ، بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىجابىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ھەققانىي، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز «جاھاننى تۈزەشنى ئۆز بۇرچىمىز» دەپ بىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارلىرى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇشىمىز كېرەك.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشى پىلانلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرەققىياتى تەكشى بولغان چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى بىلەن بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر