باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ پارلاق گۈزەل كەلگۈسى يارىتايلى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (4)

2018.06.14 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا قاراپ ئاتلىنىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان جاراڭلىق، كۈچلۈك، مول چاقىرىق كۈچىگە ئىگە سۆزى كەڭ ئورتاق سادا پەيدا قىلدى. ئىجابىي، ئەمەلىي بولۇش، دوستانە ھەمكارلىشىش روھى بويىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچەش يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى.

  دۇنياغا نەزەر سالساق، ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت ئىجابىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش، تىنچ، بىخەتەرلىك ئورتاق ئاساسىنى پۇختىلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنىڭ كۈچلۈك موتورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىنى ئويلىشىپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەندىلا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلەتكەندە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئورتاق گۈللىنىشنى كۈتۈۋالالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر