باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخىي يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(3)

2018.06.13 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېشىل تاغلار زۇمرەت دېڭىزغا تۇتاشقان ئارال شەھىرىگە يىراقتىن كەلگەن دوستلار يىغىلدى. خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى قىرغىقىدىن خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يولى جۇڭگودىن باشلىنىپ، يەنە بۇ يەردىن قايتا قەدەم ئالدى.

  «كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن!». رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن بىللە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»دىكى ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىغا نەزەر سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت تەرەققىيات كاتتا مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئاساسىي مەقسەت، پىرىنسىپتىن بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا تەستىقلانغان يولغا قويۇش تېزىسىغىچە، دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىن تاشكەنت باشلىقلار يىغىنىدا ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە بولغان 17 يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا شاھىت بولدى، ھەر بىر نەتىجىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىردى. يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش بولۇۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىشى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ناھايىتى مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا ئۇزاق مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھىپىلەرنى قوشالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر