باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2018.06.01 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىلىق ياراتقاندىلا كەلگۈسىدە غەلىبە قىلغىلى، ئىسلاھ قىلغاندىلا دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

  «پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن-تېخنىكىغا مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە قوزغىتىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ماتورىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئىسلاھات دەل بۇ ماتورنى قوزغىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى تۇرغۇزدى، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچى رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرالىشىمىزنىڭ سەۋەبى پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقانلىقىدىن بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر