- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قۇدرەتلىك پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ھازىرلايلى
___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)
2018.05.31 15:55 مەنبە: خەلق تورى
«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىز قۇدرەتلىك پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
پەن-تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن-تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىنقىلابىدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ھازىرلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر