باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.05.31 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە، بولۇپمۇ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى مۇھىم تەلىپىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.

  يىغىندا قىلىنغان سۆز بۇنىڭدىن كېيىنكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 1-تۈرتكە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن-تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك»، «قىلچە ئېغىشماي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك.»«پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇش كېرەك.» «دۇنيانى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» «ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاش كېرەك.»

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاكادېمىك خوۋ جيەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۆزىنىڭ كەڭ نەزەر دائىرسى ۋە چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاكادېمىك دىڭ جۇڭلى باش شۇجىنىڭ «ھالقىلىق ساھە، مۇھىم جايلارغا زور كۈچ سەرپ قىلىش» دېگەن بايانىنى ئىنتايىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەنبە تېخنىكا، يادرولۇق تېخنىكا، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىدىغان تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ دەل مۇھىم تېخنىكىدۇر. يادرولۇق، ئۇل تېخنىكىلارنى ئىگىلىمەي، پەقەت كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىككىلەمچى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىلا تەكىتلىسەك، پەن-تېخنىكىمىز ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولالمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر