باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىمىزدىن قايتماي، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتايلى

ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(2)

2018.05.30 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق، دەل ئېلىمىز تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقانلىق.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادىمېكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى، بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىرادىسىدىن قايتماي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە بولۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ھازىرقى دۇنيادا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى كىم پۇختا ئىگىلىسە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ شاھماتتا شۇ يېڭەلەيدۇ ھەم ئەۋزەل پۇرسەت ۋە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە زور پەم-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، بەزى ئالدىنقى قاتاردىكىلەر تەڭ ئاتلىنىش، باشلامچى بولۇش باسقۇچىغا كىردى، بىراق پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭ مۇسابىقە مەيدانىدا، سەپتىن چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ، جەزمەن تېز يېتىشىۋېلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك «جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن پەن-تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگونى تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزىگە ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك». بىز دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھتاج!

  بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان دۇنيا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە، تېخىمۇ كۆپ تاللىشىمىز يوق، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتىن باشقا يولىمىز يوق. ئەمەلىيەت بىزگە قايتا-قايتا شۇنى چۈشەندۈردىكى، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق پەن-تېخنىكىنى ئېلىۋالغىلى، سېتىۋالغىلى، تىلەپ تېپىۋالغىلى بولمايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن مۇھىم سورۇنلاردا، يادرولۇق تېخنىكا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھاياتلىق ئاچقۇچىمىز، يادرولۇق تېخنىكىنىڭ ئادەم چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى بىزدىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يادرولۇق تېخنىكىنى پۇختا ئىگىلىسەكلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى ۋە باشقا خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز. ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز ئالدىمىزغا تىزگىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساقلا، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەشەبۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىيەلەيمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر