باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2018.05.23 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا، ئالدى بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، جەڭنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بۇ، بىر مەيدان چوڭ جەڭ، قاتتىق جەڭ، قىيىن جەڭ، شۇڭا چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشىدا يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈپ ئاساسى بولدى. «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بېسىم گىرەلەشكەن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۆزنەك مەزگىلىگە قەدەم قويغان» ھالقىلىق پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نامايان قىلىشى كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى 1-مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ باش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈشى، مۇھىم ھالقىلارنى ئۆزى بىۋاسىتە ماسلاشتۇرۇشى، مۇھىم دېلولارغا ئۆزى بىۋاسىتە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك بىرلەشمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر