باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.05.21 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «سالماقنى ئاشۇرۇپ ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.»

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن مۇھىم تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قىلچە ئېغىشماي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى قىزغىن داۋاملاشماقتا

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى، ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقرالارغا سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى _ دېدى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچقۇرۇن خېبيې ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونى «كاڭلې»گۈللىكى مەھەللىسىدە، بالىسىنى يىتىلەپ ئايلىنىپ يۈرگەن چۇ يەنلى _ مەھەللىمىز ئۆستەڭگە يېقىن، مەھەللىمىزنىڭ يېنىدا يەنە دەريا بويى باغچىسى بار. ئىلگىرىكى يىللاردا دەريا ئەخلەت- چاۋار بىلەن تۇشۇپ كېتەتتى، بەدبۇي پۇراق دىماقنى ياراتتى، ھەممىلا يەردە پاشا ئۇچۇپ يۈرەتتى، بالىنى ئېلىپ سۇ بويىغا بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت ئەتراپتىكى بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى تەرتىپكە سالدى، سۇلار پاكىزلاندى، كۆپچلىكمۇ خاتىرجەم بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر