باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.05.21 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر تامچە سۇ قۇياش نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، بىر جاي بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلالايدۇ. شېنجېننىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي شاھىتى.

  شېنجېننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ يەر ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتىكى كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپ، پەقەت ئىككى تار كوچا بىلەن 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر رەستە بار ئىدى؛ 38 يىلدىن كېيىن قاتار-قاتار ئاسمان پەلەك بىنالار قەد كۆتۈرۈلۈپ، ئاۋات كوچىلار گىرەلىشىپ، زامانىۋى خەلقئارا چوڭ شەھەر بارلىققا كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى ماددىي ئەشيا كەمچىل، بېلەت بىلەن سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر دائىم تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ ئالدىدا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاكاللىشىپ قالاتتى؛ ھازىر «نېمە بولسا شۇنى يېيىش»تىن «نېمە يەيمەن دېسە شۇ بولۇش»قا ئۆزگىرىپ، كىشىلەر «بارمۇ-يوقمۇ»نى ئەمەس بەلكى «ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ» دېگەننى قوغلىشىدىغان بولدى. شېنجېن تۇپرىقىنى جانلاندۇرۇپ، «بىر ۋاراق ئاق قەغەز»دىن «مۆجىزە شەھىرى»گە ئايلىنىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىنى دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتۇر.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن مەيدانغا كېلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن گۈللىنىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن كۈچلىنىش. شېنجېننىڭ 40 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق شانلىق سەھىپىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ جۇڭگو زېمىنىغا ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى پۇجياڭ دەرياسى بويىدا بىر كۆزنەك ئېچىپ «پۇدۇڭ رىۋايىتى»نى ياراتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدىكى خەينەندە ئەمەلىيلىشىپ، ئىلگىرىكى چەت، يىراق ئارال گۈللەپ راۋاجلانغان خەلقئارا ساياھەت ئارىلىغا ئايلاندى؛ غەربىي شىمال چېگراسىدا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربكە قاتناپ، قورغاسنىڭ چۆلدىكى مەرۋايىتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى... «باش ئۈستۈمدە پارلاپ تۇرار قىپقىزىل قۇياش، ئاياقلىرىم تېگىپ تۇرار ئاپئاق بۇلۇتقا» ، كونا قىياپەتلەرنىڭ يېڭىلىنىشىدەك شانلىق مۇساپە، رىۋايەتلەردىكىدەك بارلىققا كەلگەن تەرەققىيات مۆجىزىلىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۆۋەندىكى مۇھىم ھۆكۈمىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر