باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قوللانما

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(2)

2018.05.21 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەمىزنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە».

  مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭقۇر تارىخىي قاراش، كەڭ دۇنياۋى نەزەر... باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە باشتىن-ئاخىر ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل سىڭدۈرۈلگەن، بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپلا قالماي، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، قانداق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بۇ ئىدىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئەينى يىللاردىكى «ئىككى مەدەنىيلىك»تىن «ئۈچ بىر گەۋدە»، «تۆت بىر گەۋدە»گىچە، شۇنداقلا بۈگۈنكى «بەش بىر گەۋدە»گىچە، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەرەققىيات شەكلىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ھازىر خەلقنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىگە ئايلاندى، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بولۇپ قالدى. ئۇلۇغ ئىشلار ۋە كۈرەش نىشانىدىن قارىغاندا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نومۇر قوشىدىغان تۈر؛ 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە بۇنداق ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تەسىرى دۇنياۋى خاراكتېرلىك بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر