باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سەپىرىگە قايتا ئاتلىنىش (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە – يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.05.14 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» 14-ماي رەسىمىي سىرتقا ئېلان قىلىندى. مەركەز خەينەننىڭ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇشى، تەدرىجىي جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشىنى قوللاشنى قارار قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سېگنالىنى تارقاتتى.

  «بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك». «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك تارىخىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك دەۋر ئېقىمىغا باب كېلىدۇ.».... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا خەينەندە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىدە ئىگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. جايلار، تارماقلارنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت «قوش موتور»نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

  40 يىلدىن كېيىن قايتا سەپەرگە ئاتلاندۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋردە مۇقەددەس زېمىندىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلانماقتا --

  بېيجىڭدا تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق يېڭىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت تارماقلىرى كەينى – كەينىدىن ۋىۋىسكا ئاستى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى باشلاندى.

  شاڭخەي پۇدۇڭدا، سۈرئەت ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى، ئىلگىرىكى ئىسلاھات ئاساسىدا، پۇدۇڭ يېڭى رايونى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەنى نىشانلاپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنى تېزلەتتى.

  شېنجېندا، 5000 دىن كۆپرەك پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتى جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كۆرگەزمىسىدە كۆزگەزمە قىلىندى، «پېڭچېڭ» تەجرىبىخانىسى، شېنجېن 3- ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقات يۇرتى رەسىمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شېنجېننىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى...

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر