باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ماركىسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا (4)

2018.05.09 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

  «بىز ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى چۈشەندۈرۈش، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جانلىق، مول بولغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك»، «ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك». ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىگە بولغان ئىلمىي پوزىتسىيەنى شەرھلىدى، يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە ماركسىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بەردى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۈرتكە بەخش ئەتتى.

  ماركسىزم باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە؛ جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتنىڭ ئىنسانلار تارىخىدا مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىسىنى يارىتالىشى دەل ماركسىزمنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنى، قۇرۇلۇشىنى، ئىسلاھاتىنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولدى. ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ-خەتەر، خىرىس كۆپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىناقلار كۆپ، مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۈستۈنلۈكنى، تەشەببۇسكارلىقنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزمنى قوللىنىپ ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، زور خەۋپ-خەتەرنى توسۇش، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، چوڭ-چوڭ زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد ۋە كوممۇنىزملىق غايىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  ئىلمىي نەزەرىيەگە مۇئامىلە قىلىشتا چوقۇم ئىلمىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. «ماركسنىڭ پۈتكۈل دۇنياقارىشى تېئولوگىيە ئەمەس، بەلكى ئۇسۇلدۇر». ھازىرقى جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ئېلىمىز تارىخى مەدەنىيىتىدىكى ئانا نۇسخىنىڭ ئاددىيلا داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئەمەس، ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرى تەسەۋۋۇر قىلغان ئەندىزىنىڭ ئاددىيلا تەدبىقلىنىشى ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ تەكرارلانمىسى ئەمەس، چەت ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىمۇ ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بېكىتىپ قاتۇرۇۋېتىلگەن، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قېلىپى يوق، پەقەت ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئېلىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، تارىخى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دەۋر تەلىپى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەندىلا، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر